تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن كۆرۈنۈشلىرى كۆرگەزمە زالىدا قايتا نامايان بولدى

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسى ۋۇخەندە قانات يايدۇرۇلدى

شىنجاڭنىڭ خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن كۆرۈنۈشلىرى كۆرگەزمە زالىدا قايتا نامايان بولدى

سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسىدە، تاماشىبىنلار شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت بايرىقى ۋە داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىسمى لىق يېزىلغان مۇداپىئە كىيىملىرىنى كۆرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسى خۇبېي ۋۇخەندە باشلاندى، شىنجاڭنىڭ خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن كۆرۈنۈشلىرى كۆرگەزمە زالىدا قايتا نامايان بولۇپ، كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسى خاتىرىلەندى.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە جەمئىي ئالتە باش تېما مەزمۇنى كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1100دىن ئارتۇق سۈرەت، 1000دىن ئارتۇق ئەمەلىي كۆرگەزمە بۇيۇمى، 45 سىن، 33 چوڭ تىپلىق كۆرۈنۈش كۆرگەزمە قىلىندى. «ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» كۆرگەزمە رايونى كىشىلەرنى ئەڭ تەسىرلەندۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ قىيىن پەيتىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داۋالاش ئەترەتلىرى كېچىلەپ تېزدىن ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ گۈزەل «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزىپ چىقتى، شىنجاڭ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم كۈچ. ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت بايرىقى يۇقىرى تەرەپكە ئېسىلغان بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

قىزىل قەلبلەر دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدۇ. شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئايرودۇرۇمغا يىغىلىپ يولغا چىققان چاغدىكى كۆرۈنۈش، دوختۇر - سېسترالارنىڭ يولغا چىققاندا خوتۇنى بىلەن چوڭقۇر مۇھەببەتلىك خوشلاشقان سۈرىتى، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىسمى لىق يېزىلغان مۇداپىئە كىيىملىرى... ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم شىنجاڭدىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خۇبېيغا ياردەم بېرىپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلغان كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى جانلىق قايتا ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەتەرلىك پەيتتە ئۇرغۇپ چىققان ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.

«ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» كۆرگەزمە رايونىدىكى «جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش» دېگەن بۆلەكتە، ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇبېيغا ياردەم بەرگەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى خاتىرىلەنگەن. شىنجاڭ تيەنلەي گۇرۇھى خۇبېي ئۆلكىسىگە 100 توننا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت، قۇربان تۇلۇم يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى خۇبېيغا بەش توننا ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچ ئىئانە قىلدى... تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئۆزىڭىزنى يۆلەكسىز دېمەڭ، بىز سىزگە ھەمدەم بولىمىز» دېگەن چوڭقۇر قان قېرىنداشلىق ھېسسىياتنى شەرھلىدى.

كۆرگەزمىدە «ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەر»گە ئېھتىرام بىلدۈرۈلگەن بىر ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران تېمى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 42 مىڭ 600 دوختۇر - سېسترانىڭ ماسكىسىنى ئېلىۋەتكەن پەيتتىكى سۈرىتى تەكرار كۆرسىتىلىپ تۇراتتى، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 509 ئەترەت ئەزاسى (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، تارىخ بۇ قەھرىمانلارنىڭ چىرايىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر.

كۆرگەزمىنى كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىدىن ھەيران بولماي تۇرالمىدى، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولىدىغان ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ تولۇق قوراللانغان يۇقۇمغا قاتابىل تۇرۇش ئەترەت ئەزالىرىنىڭ سۈرىتى ئالدىدا، ۋۇخەن شەھەر ئاھالىسى ياۋ جۈنشيەن قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە تۇردى، «مەن شىنجاڭغا بېرىپ باققان، ناھايىتى يىراق، ئەمما ناھايىتى گۈزەل. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان مەزگىلدە، شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتى يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىپ ياردەم قىلدى، بۇ دوستلۇق مېھرىنى بىز مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلايمىز» دېدى ياۋ جۈنشيەن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ