تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز پەسلىدە تېرە ئاسراشتىكى بۇ خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىڭ

  كونىلاردا «كۈزدە ئىش ئەڭ كۆپ» دەيدىغان گەپ بار، بۇ سۆز كۈز پەسلىدىكى تېرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەشكە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە، كۈز پەسلىدە تېرىدە كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. گۇاڭجوۋ شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل جۇڭيى دوختۇرى ليۇ مىنيى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: كۈز پەسلىدە ئەتىگەن ۋە كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ياغ بېزى بىلەن تەر بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىدۇ، تېرىنىڭ مۈڭگۈز ماددا قەۋىتىدىكى سۇ مىقدارىنى ئازايتىدۇ، شۇڭا، كۈز پەسلىدە تېرە ناھايىتى ئاسان قۇرغاقلىشىدۇ، تارتىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا تېرە تاشلاش، كېپەكلىشىش، قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ياز پەسلىدىكى تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، مەسىلەن: تۆۋەندىكى بەش خاتا قاراشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك:

  1. زىيادە پاكىز تازىلاش: ياز پەسلىدە پىژغىرىم ئىسسىق بولۇپ، ياغ بېزى، تەر بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ، تېرىدىن تەر چىقىش، ماي چىقىش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، شۇڭا ياز پەسلىدە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ياغ بېزى ۋە تەر بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ، يۈز تېرىسى ھاۋادا ئېچىلىپ قالىدۇ، زىيادە پاكىز بولۇش تېرىنىڭ قوغداش قەۋىتىنى زەخىملەندۈرۈپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى يوقىتىدۇ، ئاسانلا تېرىدە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، قىزىرىش، قۇرغاقلىشىش، تېرە تاشلاش، كېپەكلىشىش، قىزىل قان يىپچىلىرى ئېغىرلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا قورۇق تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ. بىز چوقۇم مۆتىدىل يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە نەملىك ساقلاش مەلھىمىنى تاللاپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتا-قايتا زىيادە كۆپ يۈز يۇيۇشقا بولمايدۇ.

  2. كۈز پەسلىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلەتمەسلىك: كۈزدە ھاۋا سالقىنلاپ، ئاپتاپمۇ ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرتمەيدۇ، شۇ سەۋبلىك تېرىنىڭ بارغانسېرى قۇرۇپ، قارىداپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈز پەسلىدە قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى يەنىلا ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى تېرىنى ئاپتاپتا يارىلاندۇرغىنى قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر مەيلى ياز ياكى كۈز، ياكى قىش پەسلىدە بولسۇن ھەممىسىدە مەۋجۇت.

  3. مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلىغۇچى مەھسۇلاتلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش: كۈز پەسلىدە تېرە قۇرغاقلىشىپ تېرە تاشلايدۇ، بەزى كىشىلەر دائىم مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ، نەتىجىدە مۈڭگۈز ماددىسى قەۋىتى بارغانسېرى نېپىزلىشىدۇ، تېرە بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ، ئاخىرىدا سەزگۈر تېرە شەكىللىنىدۇ. كۈز پەسلىدىكى تېرە تاشلاشقا تېرە قۇرغاقلىشىش سەۋەبلىكتۇر، سۇ تولۇقلاش، نەملىك ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلاش ئەمەستۇر.

  4. ئاقارتىش مەھسۇلاتلىرىنى زىيادە ئىشلىتىش: بىر ياز ئاپتاپقا قاقلىنىش سەۋەبلىك، تېرە ئاپئاق ھالىتىنى ساقلىيالماي قالىدۇ، ھەتتا يۈزدە سەپكۈن، سارغۇچ قوڭۇر داغ پەيدا بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ۋاقىتتا ئاقارتىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ تېرىنى ئاقارتىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئاقارتىش تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى تەركىبىدە سىماب، ئارسېن قاتارلىق زەھەرلىك ئېلېمېنتلار ۋە ھورمۇنلار بار، تېرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاسانلا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ.

  (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ