تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنى، 2020-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون جەمئىيەتتىن 4020 مەمۇرنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 102 مىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئاپتونوم رايوندىكى 15 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىكى 5861 ئىمتىھان مەيدانىدا يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتناشقان.
بۇ يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالاھىدە ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان.
3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئورۇن، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر بىرلىكتە ماسلىشىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، ئەتراپلىق ئىمتىھان كاپالىتى، قاتتىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ساغلاملىق مۇداپىئەسى، قاتناش بىخەتەرلىكى، داۋالاش سەھىيە كاپالىتى، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تۈزەش، يېمەكلىك، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشى، قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ تولۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «قۇياش نۇرى قوبۇل قىلىش» نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىدى.