تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جۇاڭ شياۋپو، ليۇ ياۋخۇي خەۋىرى، فوتوسى): نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشتە، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاچقۇچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى باشتىن-ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، تىپلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىش» ئومۇمىي تەپەككۇرى، خاس كەسىپ، كۆلەملىك باقمىچىلىق، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «قان بېرىش»نى تەدرىجىي «قان ئىشلەش»كە ئايلاندۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن داغدام يول ئاچتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كەسىپلەشكەن كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن ئىلھام بەردى، ناھىيە بويىچە يېزا ئىگىلىك كارخانىسى 68گە، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىسىدىن 11گە يەتتى، «دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىسى» ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنى باشلامچى، خۇالىڭ چارۋىچىلىقى، فۇرۈندې، بۇرۇلتوقاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى قاتارلىقلارنى تىرەك قىلغان چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ كەسىپ سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى، فېڭيۈ، خېڭدې چېڭيې قاتارلىق باشلامچى گازىر پىششىقلاش سانائىتى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. 2019-يىلى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، پىششىقلاش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 4900 دېھقان ئائىلىسىنىڭ، نامرات ئائىلىدىكى 845 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى مۇۋاپىق مەنپەئەت تەقسىماتى، چەكلەش، تەڭشەش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىن ئويلىشىپ، «نامراتلارنى يۆلەش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كارخانا ۋە نامرات ئاممىنىڭ بايلىقتا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ھەر كىم ئۆز ئېھتىياجىنى تولۇقلايدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان «تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان» ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى. ۋاڭيۈەن گۇرۇھى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان «كارخانا + كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق بازىسى + نامرات چارۋىچىلار»دىن ئىبارەت كەسىپلەشكەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئەندىزىسى، «نۆل تەننەرخ سېلىنمىسى، نۆل تىجارەت خەۋپ-خەتىرى، نۆل ئارىلىقتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ نۆل ئەندىزىسى دۆلەتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپ، «بۇرۇلتوقاي ئەندىزىسى» دەپ نام بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن تۆگە سۈت باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن توققۇزى يېتىشتۈرۈلۈپ زورايتىلىپ، 646 باقمىچىلىق ئائىلىسى (بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلە 402)گە تۈرتكە بولدى. 2017-يىلى، بۇ كارخانا مەملىكەت بويىچە «ئون مىڭ كارخانا ئون مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى ئىلغار كارخانا مۇكاپاتىغا، كارخانا باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇرۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.