خەلق تورى خەۋىرى: 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەڭ ئاخىرق بىر T شەكىللىك لىم ئورنىتىشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو نېڭجيەن گېجۇبا سەنشيا قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان باجۇڭ-ۋەنيۈەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن چوڭ كۆۋرۈكى — چېنجياخې دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى تولۇق تۇتاشتۇرۇلدى.
چېنجياخې دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى سىچۈەننىڭ باجۇڭ شەھىرى تۇڭجياڭ ناھىيەسى ماشى بازىرى چۈەنشلياڭ يېزىسى بىلەن گېچاڭ بازىرى يۈجياخې كەنتى ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ئەڭ چوڭ چات ئارىلىقى 40 مېتىر، ئاساسىي ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى 74 مېتىر كېلىدۇ. كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، تەلەپ يۇقىرى بولغانلىقتىن، بۇ پۈتۈن لىنىيە بويىچە ھالقىلىق كونترول قىلىنىدىغان قۇرۇلۇش بولۇپ، باجۇڭ-ۋەنيۈەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھالقىغان كۆۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ.