10-ئاينىڭ 12-كۈنى، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى باركۆل كۆلى ئەتراپىدا 10 مىڭلىغان قۇشنىڭ كۆل يۈزىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى. 10 مىڭلىغان پەسىل قۇشى باركۆل كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاق، سۇلۇق يەرگە يىغىلىپ ئارام ئېلىپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، سەيلە قىلماقتا ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە شادلىق ماكانىنى تاپتى.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى