شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، 2020-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتىگە كىرىپ تەكشۈرسە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە توردا قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ۋە ئورۇندالمىغان پىلانغا ئاشكارا ئارزۇ توپلاش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋېيشىنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»تا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلسا بولىدىكەن، شۇنداقلا 8752001-0991غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىمۇ بولىدىكەن.