تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

توغراقلىق ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش پەسلىگە كىردى، قەيەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ!

  خەلق تورى خەۋىرى: 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم دېگەن يېرىدە سۈرەتكە تارتىلغان توغراقلىق. ھازىر توغراقلىقنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم دېگەن يېرىگە جايلاشقان 470 مىڭ مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. پولات نىياز فوتوسى

  2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئالشا ئايمىقى ئېجىنا توغراقلىقى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. دىڭ باڭشۆ فوتوسى

  2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئالشا ئايمىقى ئېجىنا خېيچېڭ روشۈي توغراق مەنزىرە رايونى خۇددى گۈزەل رەسىمگە ئوخشاش بولۇپ، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. دىڭ باڭشۆ فوتوسى

  2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۇەن شەھىرى جىنتا ناھىيەسىدىكى توغراقلىقنى تاماشا قىلماقتا. ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، جيۇچۇەن شەھىرىنىڭ جىنتا ناھىيەسىدىكى توغراقلارنىڭ يوپۇرماقلىرى ئالتۇن رەڭدە بولۇپ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، ئۆلكە ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى ھەم بەس ـ بەستە يان تېلېفونىنى ئېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. چېن لى فوتوسى

  2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۇەن شەھىرى جىنتا قۇملۇقىدىكى توغراقلىق مەنزىرە رايونىدىكى توغراقلار قۇياش نۇرىدا ئالتۇندەك چاقناپ، كۆل سۈيى بىلەن بىرلىشىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى. بۇ مەنزىرە رايونى گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۇەن شەھىرى جىنتا ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىكى چاۋخۇ ئورمانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان، توغراقلىقلار زىچ تارقالغان، ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى. ۋۇ شۆجېن فوتوسى

  10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۇەن شەھىرى جىنتا ناھىيەسىنىڭ قۇملۇقىدىكى توغراقلىق مەنزىرە رايونىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، قۇملۇقتىكى توغراقلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى قانغۇچە تاماشا قىلدى. جىنتا ناھىيەسى قۇملۇقىدىكى توغراقلىق پۈتۈن ئۆلكە بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئورمانلىق بولۇپ، ھەر يىلى ئالتۇن كۈزدىكى 10 ـ ئايدا، توغراقلار ئالتۇندەك چاقناپ، سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، خۇددى قۇملۇقتىكى چۆچەك دۇنياسىغا ئوخشايدۇ. چېڭ لىن فوتوسى

  ئېبنۇر كۆلى شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل. ئېبنۇر كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى كۆكباستاۋ رايونىدا نەچچە ئون مىڭ مو توغراق بار، ھەر قېتىم كەچ كۈز كەلگەندە، توغراق يوپۇرماقلىرى يېشىلدىن ساغىرىشقا باشلايدۇ،  ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئېبنۇر كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ، گۈزەل مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىدۇ. خۇ ۋېيبىن فوتوسى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىنىڭ تودوگ بازىرىدىكى توغراقلىق بىر يىلدىكى ئەڭ گۈزەل پەيتنى كۈتۈۋالدى، ئالتۇن رەڭلىك توغراق كۆك ئاسمان ۋە قارلىق تاغلارنىڭ ئاستىدا ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنەتتى. ليۇ شىنجيا فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى