تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چىڭگىل ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز چىن جىنلى، ۋاڭ دەن فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئايدىكى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئاقدالا بازىرى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، كۈزلۈك يىغىم ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. نازىگۈل ھوشۇر ياڭيۇ ئېتىزىدا ئالدىراش بولسا، ئۇنىڭ ئېرى سۈت ئېشىكى باقمىچىلىق بازىسىدا ئالدىراش ئىدى. نازىگۈل ئائىلىسى ئىلگىرى ئارالتۆپە بازىرىدىكى نامرات ئائىلە ئىدى، 2016-يىلى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان ئاقدالا بازىرىغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

  2018 ـ يىلى، چىڭگىل ناھىيەسىدىكى 22 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش باسقۇچىغا كىردى.

  باشقا جايغا كۆچۈپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش

  ئالتە يىل ئىلگىرى ئاقدالا بازىرىنىڭ ھەممە يېرى چۆل-جەزىرە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر رەتلىك تىزىلغان مۇنبەت ئېتىزلىققا ئايلاندى.

  نازىگۈل ئائىلىسىدىكى بەش جان 83 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولدى. «نەچچە ئېغىز كېسەك ئۆيدىن مۇشۇنداق چىرايلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، چۈشۈمدىمۇ كۈلۈپ كېتىمەن!» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە كارخانىلار كۆپ، خىزمەت تېپىش پۇرسىتىمۇ كۆپ.

  نازىگۈل ئائىلىسىدىكى ھەربىرەيلەنگە يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلدى ھەم بىر تۇتاش ئوبوروت قىلىندى، مۇشۇ بىر تۈردىنلا ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەر يىلى 3450 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى، ئاقدالا بازىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك 16 كارخانىنى كىرگۈزۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

چىڭگىل ناھىيەسى جىغان پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى نامرات ئائىلىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  نازىگۈل مالىڭ ياڭيۇ تالقىنى پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ ئېرى سۈت ئېشكى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى. «ئىككىمىز بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن مائاش ئالالايمىز!» كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىشى بىلەن، 181 نامرات ئاھالە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى 100 مىڭ مو يەردىكى چوڭ ئېتىزدا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئاقدالا بازىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى، بازار يەنە «ساياھەت + يېزا ئىگىلىك» خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئاچتى. باشقا جايغا كۆچۈرۈش چىڭگىل ناھىيەسىدىكى 1227 نامرات ئائىلىنىڭ «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، چارۋىچىلارنى ئىشچىغا ئۆزگەرتتى

  كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش مەقسىتىگە يېتىش، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا.

  بۇلتۇر، يەرلىك ھۆكۈمەت چىڭگىل ناھىيەسى مېڭيۈەن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى ئاقدالا بازىرىغا ماكانلاشتۇرۇپ، سۈت ئېشىكى باقمىچىلىقى ۋە ئېشەك سۈتى پىششىقلاش كەسپىگە تۈرتكە بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، 50 نامرات ئائىلە كارخانا بىلەن مادا ئېشەكنى ھاۋالىلىك بېقىش توختامى ئىمزالىدى. ئىلگىرىكى نامرات ئاھالە مۇراتاي خېزىر كارخانىدىن ئون تۇياق مادا ئېشەكنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان يېڭى ئېشەك سۈتىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى كارخانا 30 يۈەندىن يىغىۋېلىپ، ئېشەك سۈتى پىششىقلىدى. ئەينى يىلى، ئۇ ئېشەك سۈتى سېتىپلا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئالغانىدى. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، ئۇنىڭ ئېشەك سۈتى سېتىشتىن قىلغان كىرىمى بۇلتۇرقى بىلەن تەڭلەشتى.

چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچۈرۈش نۇقتىسى بولغان ئاقدالا بازىرى ئېشەك باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى، كۆچۈرۈلگەن ئاھالە مۇراتاي خىزىر ئائىلىسىدىكىلەر ئېشەك بېقىش ئارقىلىق بېيىدى. (ماتېرىيال سۈرەت)

  بۇ كارخانا سۈت ئېشىكى كۆپەيتىش، يەم-خەشەك ياساش ۋە ئېشەك سۈتى پاراشوكىنى پىششىقلاش ئارقىلىق 20 نەچچە نامرات ئاھالىنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كارخانا پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش، ۋاكالىتەن بېقىش، ۋاكالىتەن يىغىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەر يىلى ئەتراپتىكى 200دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  چىڭگىل ناھىيەسى 100 مىڭ مو يەرگە جىغان تېرىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى جىغان پىششىقلاش كارخانىلىرى ھەر يىلى 400دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەمچىلىك ئىش ئورنى 6000دىن ئېشىپ، 4600 يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

جىغان ئۈزۈش ئالدىراشلىقى

  چىڭگىل ناھىيەسى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باشلامچى كارخانىدىن 26نى كىرگۈزۈپ، 26 باقمىچىلىق بازىسى، بەش يەم-خەشەك پىششىقلاش بازىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى