تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى ئۆگىتىپ، ياخشى قوشنىلار تەڭ بېيىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى لىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خې): بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاچاتاغ يېزىسى جايتاغ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ليۇ شۆجۈن ئائىلىسىنىڭ 35 مو ئالمىلىق بېغىدا، مېۋە ئۈزۈشتىن ئىلگىرى مېۋىنىڭ رەڭگىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 20 نەچچە كەنت ئاھالىسى ئالمىغا ئورالغان خالتىلارنى ئېلىپ، يەرگە نۇر قايتۇرۇش يوپۇقى يېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش، ئابدۇللا مەمەت باغدا ئالدىراش بولغاندىن كېيىن، ليۇ شۆجۈننىڭ ئەڭ قابىل ياردەمچىسى بولۇپ قالدى.

  كەنتتىكى بېيىش ماھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ شۆجۈن ئالما، كۆكتات تېرىپ بېيىغاندىن كېيىن، يۇرتداشلىرىنى باشلاپ بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى.

  «ھازىر يىللىق كىرىمىم 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇ ئۆز تىرىشچانلىقىمدىنلا ئەمەس، ياخشى قېرىندىشىم ئابدۇللانىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن.» دېدى ليۇ شۆجۈن.

  ليۇ شۆجۈن بىلەن ئابدۇللانىڭ ھېكايىسىنى 21 يىل ئىلگىرى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  1999-يىلى، ليۇ شۆجۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى خېنەندىكى يۇرتىدىن جايتاغ كەنتىگە تۇرمۇش كەچۈرگىلى كېلىپ، ئابدۇللا بىلەن ئىشىكلىرى بىر-بىرىگە قارىشىپ قوشنا بولۇپ تۇردى. خۇش مۇئامىلىك ئابدۇللا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى قوشنىسىنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا چوڭ-كىچىك ئىشلارنى قىلىشىپ بەردى. ئىككىسىنىڭ قىزغىن ئالاقە قىلىشىغا ئەگىشىپ، ليۇ شۆجۈن بۇ يەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى، شۇنداقلا ئابدۇللا بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

  «شۇ چاغدا كۆكتات پارنىكى ياسىغاندا، گۈرجەك، ياغاچ تېلى، شاخ پۇتاش قايچىسى قاتارلىق سايمانلار لازىم ئىدى، ئابدۇللا گەپ قىلمايلا ئۆيىدىكى سايمانلارنى ماڭا بېرىپ، مەن بىلەن بىللە ئىشلىدى، مەن ئەتراپىمدا بىر تۇغقىنىمنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم»دېدى ليۇ شۆجۈن.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ليۇ شۆجۈن كۆلىمى 20 نەچچە مو كېلىدىغان پارنىك ياساپ، ئون نەچچە خىل سورتلۇق كۆكتات تېرىدى. ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق، ليۇ شۆجۈننىڭ بىر يىللىق كىرىمى ناھايىتى تېزلا 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇ چاغدا ئابدۇللانىڭ بەش مو ياڭاقلىق يېرى بار بولۇپ، پەرۋىش قىلىش ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، بىر يىلدا ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتى. ليۇ شۆجۈن ئۇنىڭغا ياڭاقنى چاتاش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىشنى ئۆگەتتى، ئابدۇللا ناھايىتى تېزلا ئىلمىي باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى. ھازىر، ئابدۇللانىڭ ياڭاقلىق يېرى 10 موغا كېڭەيدى.

  پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ پايدىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈپ، ئابدۇللامۇ سىناپ باقماقچى بولدى، ليۇ شۆجۈن شۇ ھامان بۇ «شاگىرت»نى قوبۇل قىلدى ھەم ئائىلىسىنىڭ بىر يېرىم مو پارنىكىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەردى. قانداق تاللاش، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى قانداق كونترول قىلىش، پەسىلگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كۆكتاتلارنى قانداق تېرىشنى ليۇ شۆجۈن سەۋرچانلىق بىلەن ئابدۇللاغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا تېخنىكا ئۆگەتتى. ليۇ شۆجۈن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ ئىنىم بەك راستچىل، ئۆيۈمدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ دائىم بىرىنچى بولۇپ ماڭا ياردەم قىلىدۇ. مەن بېيىسام ئۇنىمۇ يېتەكلەيمەن.» بۈگۈنكى كۈندە، ئابدۇللانىڭ پارنىك كۆكتاتىدىن قىلغان يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  ليۇ شۆجۈن بىلەن ئابدۇللادىن ئىبارەت بۇ بېيىش يولىدىكى ياخشى قېرىنداشلار ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۆز ئارا ياردەم بېرىپلا قالماي، تۇرمۇشتىمۇ ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلدى.

  2017-يىلى 8-ئاينىڭ بىر كۈنى، ئابدۇللانىڭ قىزىنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كېتىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئابدۇللا ناھىيە بازىرىغا ئىش بېجىرگىلى كەتكەن ئىدى. ليۇ شۆجۈن دەرھال ماشىنا ھەيدەپ بالىنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپاردى، بالىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقى تەكشۈرۈلۈپ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ليۇ شۆجۈن دەرھال 3000 يۈەن پۇل چىقىرىپ، بالىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. ئابدۇللا دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە، بالا ساق-سالامەت ئىدى.

  ئۇزاق يىللىق ئارىلىشىش ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىمىدى، قىيىنچىلىق بولسا ئۇلار ئۆزئارا ياردەم بەردى. ھەر يىلى ھېيت-بايراملاردا، ئىككى ئائىلە بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇڭدىشاتتى. «بىز بىر ئۆمۈر ياخشى قېرىنداشلاردىن بولىمىز!» بۇ ليۇ شۆجۈننىڭ ۋەدىسى شۇنداقلا ئابدۇللانىڭ يۈرەك سۆزى ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ