تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىر خەن يۈلىن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى كوچىلىرىدا، شىنجاڭچە ئامىللار مۇجەسسەملەنگەن ئورتاق ۋېلىسپىتلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق يول يۈرۈشىدىكى ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندى.
قۇملۇق كېمىسى، مىللىيچە مۇزىكا، لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتقان گۈزەل قىزلار... ئورتاق ۋېلىسپىت توختىتىش ئورنىدا، ۋېلىسپىتلارغا يىپەك يولى مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن بەدىئىي بېزەكلەر قوشۇلغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، يەنە شەھەر كوچىلىرىغا گۈزەللىك بېغىشلىغانىدى.
خالو سەپەرگە چىقىش شىركىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ مەسئۇلى دانا ئابابەكرى بۇ قېتىمقى كۇچا شەھىرى «يىپەك يولى» مەدەنىيىتى ۋېلىسپىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى، «مەن كۇچادىكى يەرلىك خاس مەنزىرىلىرىنى، ئادىمىيەت قاتارلىق ئامىللارنى كارتون رەسىم شەكلىدە ۋېلىسپىتقا مۇجەسسەملىدىم، بۇ ھەم شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى، ھەم ۋېلىسپىتنىڭ ئۆزىمۇ شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆچمە تەشۋىقات تاختىسىغا ئايلاندى» دېدى دانا.
ئىگىلىنىشىچە، كۇچا شەھىرىنىڭ ئەقلىي ئورتاق ۋېلىسپىت سىستېمىسىغا كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېتەكچى، كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇھى باشلامچى بولغان، كۇچا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا ئىدارىسى، كۇچا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، خالو سەپەرگە چىقىش شىركىتى ئورتاق قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ئاممىۋى تۈر ئىكەن، ئورتاق ۋېلىسپىت شەھەر يېشىل قاتناش سىستېمىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاممىنىڭ قىسقا ئارىلىققا سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم شەكىل ئىكەن. ئورتاق ۋېلىسپىتنىڭ قويۇلۇشى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈش شەكلىنى موللاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە شەھەرنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىپ، شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. بۇ قېتىم كۇچا شەھىرى جەمئىي 3000دىن كۆپرەك ئورتاق ۋېلىسپىتنى قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭچە ئامىللار مۇجەسسەملەنگەن «يىپەك يولى» مەدەنىيىتى ۋېلىسپىتىدىن 200ى بار ئىكەن.
كۇچا شەھىرى ئاھالىسى ئۆمەر ئابلەت مۇنداق دېدى: «ئورتاق ۋېلىسپىت بولغاچقا، ئاممىۋى قاتناشتا قىستالمايدىغان بولدۇم، يول يۈرۈشۈم ئىنتايىن قولايلىق بولدى، يەنە مەدەنىيەت ۋېلىسپىتىنىڭ شەكلىمۇ چىرايلىق بولۇپ، يول بويىغا توختىپ قويۇسا، ئورۇن ئىگىلەپلا قالماي، يەنە كوچىغىمۇ گۈزەللىك بېغىشلايدىكەن».
دانا ئابابەكرىنىڭ مۇخبىرلارغا دېيىشىچە، نۆۋەتتە، خالو سەپەرگە چىقىش ئورتاق ۋېلىسپىتى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرلەردە يولغا چىققان، كېيىن ئۇلار يەنە ھەربىر جايدىكى ئوخشاش بولمىغان خاس مەنزىرە ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت بويىچە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى ئاساسىي تېما قىلغان ئورتاق ۋېلىسپىتلارنى لايىھەلەپ چىقىدىكەن، «ئورتاق ۋېلىسپىت قولايلىق ئېلىپ كەلدى، بىز ئۇششاق ھالقىلارنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئورتاق ۋېلىسپىتنى شەھەرگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».
كۇچا شەھىرىدىكى مەدەنىيەت ئاساسى تېما قىلىنغان ئورتاق ۋېلىسپىتىنىڭ لايىھە خەرىتىسى.