ئاپتورى: جاڭ زېخۇەن، چېن گولۇڭ، جاڭ مىڭ.
تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى تەۋەلىكىگە جايلاشقان. مەنزىرە رايونى قارلىق تاغ، ئورمان، ئوتلاق، كۆل، شارقىراتما ۋە ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈك قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە شىنجاڭ تىيانشان تېغى دۇنيا تەبىئىي مىراس رايونىنىڭ يادرولۇق كۆرگەزمە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى ئاللىقاچان ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشتا چوقۇم بارىدىغان جاي بولۇپ قالدى.
يېقىندا، تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى بىر قېتىملىق كۈزدە ياغقان قارنى كۈتۈۋالدى، بوغدا كۆلىنىڭ كۆل يۈزى ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنەتتى. قارلىق چوققىلار ھەيۋەتلىك، زۇمرەتتەك سۇلار ئەينەكتەك ئىدى، شەمشاد قار ئاستىدىمۇ يەنىلا يېشىل رەڭدە جىلۋە قىلىپ تۇراتتى، سەيلە كېمىسى ئەينەكتەك سۈزۈك سۇ يۈزىدە قارلىغاچ پېيىدەك دولقۇنسىمان سىزىقلارنى چىقىرىپ يۈرەتتى، بۇ خىل ساپ، خاتىرجەملىك ۋە گۈزەللىك كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى!