تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ياخشى ھۈنەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىشەنچ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن خەۋىرى): بۇ يىل جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى چېڭگۇەن كەنتىدىكى ئالتۇن يىڭنە تىككۈچىلىك دۇكىنىدىكى تىجارەتچى تۇرانخان سەيدىئاخۇننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىنىنىڭ بەشىنچى يىلى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى تىككۈچىلىك ماشىنىسى بىلەن زىچ باغلاندى، ئۇ تىككۈچىلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  «تىككۈچىلىك ھۈنىرى ئائىلىمىزگە ياخشى تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىمىزدىكى ئىشەنچى بولدى» دېدى 10 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تۇرانخان كۈلۈپ تۇرۇپ.

  تۇرانخان چېڭگۇەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، 2012-يىلى ئېرى تاسادىپىي يارىلىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاچقا، ئەسلىدىلا باياشات بولمىغان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ تەسلەشتى. ئۇ يارىلانغان ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىنىڭ بەش مو يېرىنى تېرىدى.

  2014 ـ يىلى، تۇرانخان ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قىلىپ بېكىتىلىپ، دۆلەتنىڭ تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىندى. تۇرمۇشى گەرچە كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. تۇرانخان ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايانغاندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بەختلىك تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ چېڭگۇەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تۇرانخاننىڭ ئەسلىدە تىككۈچىلىك قىلغانلىقىنى، تىككۈچىلىك ھۈنىرى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇنى دۇكان، تىككۈچىلىك ماشىنىسى، تورلاش ماشىنىسى، دەزمال قاتارلىق كەسپىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

  دەسلەپتە تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ پايدىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بەزى كىيىملەرنى ئۆزگەرتىشكە تېخنىكىسى تۆۋەن كەلدى، بۇ ئەھۋال تۇرانخانغا تېخنىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، تۇرانخان تەربىيەلەش كۇرسىغا تىزىملىتىپ، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق ئۆگەندى.

  «پەقەت ياخشى ھۈنەر بولغاندىلا، ئاندىن خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.» كامالەتكە يەتكەن تىككۈچىلىك ھۈنىرى تۇرانخان ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا بىر تۈركۈم سادىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۇرانخان يەنە بەش شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

  «ھازىر مېنىڭ ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم كىرىمىم بار، بۇنىڭغا باقمىچىلىق ۋە تېرىلغۇ يەردىن قىلغان كىرىمىمنى قوشقاندا، پۈتۈن يىللىق كىرىمىم 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر كۈنى ئالدىراش يۈرسەم، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشى ئۆتمەكتە» دېدى تۇرانخان.

  كىچىككىنە تىككۈچىلىك دۇكىنىغا تايىنىپ، تۇرانخان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «بىر مەزگىلدىن كېيىن، مەن دۇكاننى كېڭەيتىپ، يەنە بىرنەچچە ئىشچى ـ خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھۈنىرىم ئارقىلىق كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى تۇرانخان ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قاراپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى