تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى: جۈجۈنساۋ تېرىش دېھقانلارغا پايدا ئېلىپ كەلدى

  ئاپتورى: لى سەيچىن، مىرادىل ئەمەت

  كۈز كۈنلىرى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى سوغۇلۇق كەنتىدە، كەڭ كەتكەن جۈجۈنساۋلار شامالغا ئەگىشىپ ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. ھازىر جۈجۈنساۋ ئورۇش مەزگىلى، دېھقانلار ئېتىزلىققا بالدۇرلا كېلىپ جۈجۈنساۋ ئورۇش، ماشىنىغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  كەنت ئاھالىسى باتۇر ئىمىن مۇنداق دېدى: «بىز ئالتە كالا، ئون نەچچە قوي باقتۇق، يەم-خەشەككە بولغان ئېھتىياجىمىز بىر قەدەر چوڭ. بۇ يىل كەنت كادىرلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىككى مو يەرگە جۈجۈنساۋنى سىناق قىلىپ تېرىدۇق، بەك ياخشى ئۆستى. بۇ خىل ئوت-چۆپنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، باقمىچىلىقتىكى ئۈنۈمى ياخشى، يەنە سىلوس يەم-خەشىكى ياسىغىلى بولىدۇ، كېلەر يىلى مەن يەنە نەچچە مو يەرگە ئارتۇق تېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن».

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل پاختەكلى يېزىسىدىكى 80 نەچچە ئائىلىلىك 140 مو يەرگە جۈجۈنساۋ تېرىپ، 600 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ يېزا تېرىقچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى