تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يېڭى يىپەك يولىدا ئۇچقاندەك يۈرمەكتە

− ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە قاتنايدىغان ئوق پويىزنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىغانلىقى توغرىسىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىئەن شىمالىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئوق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا توختاپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى)

تاڭ سەھەردىكى قۇياش ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، ئۈرۈمچى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. تاڭ نۇرىدا، شىئەنگە بىۋاسىتە بارىدىغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى D2708 ئوق پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا سىلىق توختىدى، خىزمەتچى خادىملار بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقنى باشلاش ئالدىدا تۇراتتى. 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 9دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا چىقىپ، قەدىمىي پايتەخت شىئەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

بۇ بىر ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە پەيت، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا تىجارەت باشلىنىپ ئالتە يىلدىن كېيىن، شىنجاڭدىن 2 - قېتىم چىقىدىغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى پويىزلار رەسمىي قاتناشنى باشلىدى.

ھەيدەش بۆلمىسىدە، شوپۇر ئادىل تۇردى مەشغۇلات سۇپىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوق پويىزنى شەرققە قاراپ ھەيدىدى.

ئوق پويىز ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، ئېگىز تاغ، چۆل - باياۋان ۋە شەھەرلەر ھەش - پەش دېگۈچە كەينىدە قالدى، پويىز ناھايىتى سىلىق ماڭغاچقا، ئىستاكاندىكى سۇمۇ تۆكۈلمەيتتى.

ئالتە يىل ئىلگىرى، خۇددى ئاق رەڭلىك چاقماق كەبى ئۇچقاندەك قاتنىغان ئىناقلىق ناملىق ئوق پويىز شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ئېنېرگىيە قوشتى.

يەنە شۇ ئالتە يىل ئىلگىرى، ئادىل تۇردى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوق پويىز شوپۇرى بولغان. «ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان ئوق پويىزنى ھەيدەيتتىم، بۈگۈن يەنە شىئەنگە تۇنجى قاتنايدىغان ئوق پويىزنى ھەيدىگىنىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ئۇ.

يولۇچى جوۋ يەن پات - پات دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەرگە قاراپ ھۇزۇرلاندى، ئۇ ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن شىئەنگە يېڭى يېمەك - ئىچمەك بازىرى ئېچىش ئۈچۈن ماڭغانىدى، «بۇ ئوق پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى چوقۇم تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، مېنىڭچە سودىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى، شىئەن يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئوق پويىزنىڭ قاتنىغانلىقى ئارىلىقى 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يىپەك يولىدىكى ئىككى مۇھىم بازارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

يولۇچى ۋاڭ سۇڭسۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىئەندىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى پويىزدا 30 سائەت ئەتراپىدا ئولتۇراتتىم. ھازىر ياخشى بولدى، ئوق پويىزغا ئولتۇرسام شۇ كۈنىلا يېتىپ بارالايدىغان بولدۇم، ھەم قولايلىق، ھەم راھەت ئىكەن».

ئۈرۈمچى بىلەن شىئەن شىمالىي ۋوگزالىنىڭ ئارىلىقى 2354 كىلومېتىر بولۇپ، 13 سائەت 22 مىنۇتتىن كېيىن D2708 قېتىملىق پويىز شىئەن شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىن يولغا چىققان ئوق پويىز تۇنجى قېتىم نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت شىئەنگە يېتىپ بارىدۇ.

ئوق پويىزنىڭ قاتنىشى بىلەن يىراق جايلار ئەمدى يىراق ھېسابلانمايدىغان بولدى...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ