تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق كىردى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزدى».

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا يەسلىلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. 2016 -، 2017 - يىلى 16 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 4408 يېزا يەسلىسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇپ، يېزىلاردىكى يەسلىلەرنىڭ «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازارلىق مەركىزىي يەسلىلەرنىڭ قاپلاش نىسبىتى %100كە يېتىپ، دۆلەتنىڭ «2020 - يىلىغا بارغاندا، ھەربىر يېزا - بازاردا پىرىنسىپ جەھەتتە ئاز دېگەندە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەركىزىي يەسلىدىن بىرنى ياخشى قۇرۇش، چوڭ كەنتلەردە مۇستەقىل يەسلى قۇرۇش ياكى تارماق يەسلى تەسىس قىلىش، كىچىك كەنتلەردە بىرلەشمە يەسلى قۇرۇش»تەك ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، يەسلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشى قىيىن بولۇش، يەسلىگە كىرىشى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 4643 يەسلى، يەسلىدىكى بالىلار 919 مىڭ 600 بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ئاران %76.29 بولغان؛ 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 7725 يەسلى، يەسلىدىكى بالىلار 1 مىليون 519 مىڭ 500 بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن ئۈچ يىلدىكى يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.51كە يەتكەن، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان.

بالىلارنى «يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش» يەنە «ياخشى يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈك سەپلەپ، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، جەمئىي 44 مىڭ 800 يەسلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىراكتىكا قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى سىجىل يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى يەسلى باشلىقلىرى قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش، قوش يۆنىلىشلىك ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يەسلى باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، كەسپىي ساپاسى ھەمدە باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى