يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر داكا قىلىدىغان جايغا ئايلاندى، نۇرغۇن كىشى يىراقتىن كېلىپ ئېرتىش چوڭ جىلغىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى كۆردى.
ئېرتىش دەرياسى دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر شەرقتىن غەربكە قاراپ ئېقىپ شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان تاشقى دەريا بولۇپ، كۆكتوقايدىن ئېقىپ ئۆتكەندە، يۈز كىلومېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ جىلغىنى شەكىللەندۈرگەن.
سۈپسۈزۈك ئېرتىش دەرياسى تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. جىلغا ئىچىدە شەمشاد، قارىغاي، قېيىن، تېرەك دەرەخلىرىنى ئاساس قىلغان تەبىئىي ئورمان بىلەن جىلغا ئېغىزىدىكى سۈنئىي ئورمان بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، تاغ-دەريا، يېشىللىق كۈز مەنزىرىسىگە باشقىچە تۈس قوشتى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى