تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ يەنجى ئويمانلىقى: لازا قۇرۇتۇش مەيدانى رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى خارمودۇن بازىرىدىكى بىر مەيداندا، شۇ جايدىكى دېھقانلار لازا قۇرۇتماقتا، ئىلغىماقتا. سوغۇق شەبنەم مەۋسۇمىدىن كېيىن، يەنجى ئويمانلىقىغا جايلاشقان بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي تۆت ناھىيەسىدە تېرىلغان 519 مىڭ 900 مو يەردىكى ھەر خىل لازىنى يىغىش خىزمىتى يېرىملاشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتاپقا سېلىش، ئىلغاش، خالتىغا قاچىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى+بازار» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ خاس يۇقىرى ھوسۇللۇق لازا سورتلىرىنى زاكاز قىلىپ تېرىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستىدا تېرىلغان لازا 1 مىليون 507 مىڭ توننىغا، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇتۇلغان لازا 233 مىڭ 400 توننىغا يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى