تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ): شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كىنىشكىسىنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدىكەن.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتى−«شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»(http://www.xjzk.gov.cn)نىڭ باش بېتىدىكى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى»غا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى، كىملىك نومۇرى، مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدىكەن(A4 ئاق قەغەز ئۆلچەم قىلىنىدۇ).
ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى 14 كۈنلۈك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، كىملىكى ۋە ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي)نى ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك.