تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

شىنجاڭ قەشقەر: يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ يۈكسىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گاۋ خەن): شىمېي پىشىپ ئۈزۈش پەسلىدىن ئەمدىلا ئۆتتى، ھازىر شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىمېيزارلىقلىرىدا، ھەممىلا يەردە باغۋەنلەرنىڭ شىمېي دەرىخىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىپ، شاخلىرىنى پۇتاۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  مۇخبىر باغۋەن ئابدۇرېھىم مېھماننى ئۇچراتقاندا، ئۇ تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىمېي دەرىخىنى ئەستايىدىل پەرۋىش قىلىۋاتاتتى. تەجرىبە ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىلمىي پۇتاشنى بىلمەيتتۇق، مېۋە بەرگەن دەرەخ شاخلىرىنى كېسىۋېتىشكە قىيمايتتۇق، مېۋىلىك دەرەخ ئۆسمەيلا قالماي، يەنە شىمىينىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلاتىغا تەسىر يېتەتتى.»

  ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، ئۇ بۇ يىل 17.8 مو شىمېيدىن مول ھوسۇل ئالدى، 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مېۋە سېتىش كىرىمى ئۇنى شۇ جايدىكى «شىمېي شاھى»غا ئايلاندۇردى.

  پەيزاۋات ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىمىغان ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىيىش-تويۇش مەسىلىسىنىلا ھەل قىلالايتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، شىمېي تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى ھەم كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنى باغۋەنلەرگە مۇلازىمەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. خېلى ياخشى ئىستېمال بازىرى ۋە باھاسىغا تايىنىپ، شىمېي تەدرىجىي ھالدا شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ يەنە بىر كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندى.

  پەيزاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى ۋەنزې مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدىكى شىمېي كۆلىمى 380 مىڭ موغا يېتىپ، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 110 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىقى ئەڭ بالدۇر، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم ئەڭ كۆپ يېڭىمەھەللە يېزىسى شىمېي تېرىقچىلىقىغا تايىنىپ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1000 يۈەن ئاشۇردى.»

  يىللىق كىرىمى ئەزەلدىن بۇنداق يۇقىرى بولۇپ باقمىغان ئابدۇرېھىم مېھمان تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «10 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن، يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ساياھەت چىقىمەن.»

  پەيزاۋات ناھىيەسى تۇرۇشلۇق قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقى باغ-ئورمانچىلىق بەلبېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، بۇ يىل مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ 4 مىليون 800 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارغا سېتىلغىنى 1 مىليون 678 مىڭ توننا.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ