تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى ئالاساي كەنتىدە:

ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن جياڭ

9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە، سەھەردىكى شامال بەزىدە سۆڭەكتىن ئۆتەتتى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى ئالاساي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۇرايىم رازاق ئەتىگەندىلا يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يەم - خەشەك، قوي - كالا ساتاتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش ئۆتەتتى. «ھازىر، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىدىن خېلىلا ئاشتى. مەن يەنە ياخشى ئىشلەپ، ھاللىق ئائىلە بولىمەن» دېدى ئۇرايىم 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇخبىرغا.

ئىككى قولىغا تايىنىپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاللىبۇرۇن بۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. 2019 - يىلى، پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى ئەسلىدىكى %27تىن نۆلگە چۈشتى؛ نامرات كەنتمۇ شۇ يىلى نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق چېكىنىپ چىقتى. بېيىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىش، «بىر ئادەمنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش بۇ كەنتتىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، نامرات كەنتنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىدىكى سىرى.

نامراتلارنى يۆلەش سېخى ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلدى

«بىز كەسىپ تۈرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. 2018 - يىلىدىن بۇيان، ئالاساي كەنتى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ تۈرىنى يولغا قويۇشنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى» دېدى ئالاساي كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ليۇ كېشىن تونۇشتۇرۇپ.

ئالاساي كەنتىدە بىر بېرىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغىنى سەنتەي يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى. پىششىقلاش زاۋۇتى 2018 - يىلى قۇرۇلغان ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 2019 - يىلى يەنە كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، يېڭىدىن 20 خاس ناۋايخانا سېلىنىپ، كۈنىگە 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە نان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان. بۇ زاۋۇت مۇشۇ كەنت ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى 60قا يېقىن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىپلا قالماي، ھەر يىلى يەنە كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرىدىكەن.

سەنتەي يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلغان نامراتلارنى يۆلەش سېخى. زاۋۇتتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 200گە يېقىن ئادەم ئىشلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچى %60تىن كۆپرەكنى، ئاياللار %50تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىكەن. زاكاز مەركەزلەشكەن چاغدا، بەزى ناۋاي ئۇستاملارنىڭ ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەنگە يېتىدىكەن. زاۋۇتتا يەنە يەسلى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسى تۈگىتىلىپتۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش بەخت بىۋاسىتە لىنىيەسىنى ئاچتى

كەنت قۇرغان زاۋۇتقا كېلىپ، كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى. بۇ، ئالاساي كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىگە يېڭى دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى.

«ئائىلەمدىكى چوڭلار، بالىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغا موھتاج ئىدى، يەنە بىرنەچچە مو يەرنى تېرىيتتىم، بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ھەر ئايدا مائاش كىرىمىم بولۇپلا قالماي، يەنە چوڭلار، بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالىدىم، يەرنىمۇ تېرىيالىدىم، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى!» سەنتەي يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەشنىڭ پايدىسى تىلغا ئېلىنسىلا، ئالاساي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلجەننەت ئەخەت ھاياجېنىنى باسالماي قالىدۇ. ھازىر گۈلجەننەت يېمەكلىك زاۋۇتىدىكى «نوپۇزلۇق ئادەم»گە ئايلاندى.

«يېمەكلىك زاۋۇتى كەنت ئاھالىلىرىگە ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىپ، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئىشلەمچىلىك قىلالمايدىغان خېلى بىر قىسىم نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يەنە ئۆي ئىشلىرى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بەلگىلىك ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ، ئەندىشىسىنى تۈگەتتى» دېدى ليۇ كېشىن.

ئالاساي كەنتىگە كىرىش ئېغىزىدا، «چۈەنيۈ شىڭكۇڭ» خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى. تۆت پەسىل ئىستىراھەت رايونى قەد كۆتۈردى.

بۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 580 مىڭ كىۋادرات مېتىر، تۈرگە جەمئىي 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قار تېيىلىش مەيدانى 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرى تىجارەت باشلاپ، كۈنىگە ئوتتۇرىچە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2000 ئادەمگە يېتىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھەت بوشلۇقىنى تولدۇردى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىگە يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى. قار تېيىلىش مەيدانى ئالاساي كەنتى ئۈچۈنلا يېڭىدىن 70كە يېقىن ئىش ئورنى كۆپەيتىپ بەردى.

ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن قوش يۆلەپ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىدى

ئالاساي كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپايدى.

خېمىر يۇغۇرۇش، نان يېقىش... كەنت ئاھالىسى ھاۋاگۈل جۇماق يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ نان سېخىدا ئىشلىگەنسېرى غەيرەتكە تولدى. ئەينى چاغدا ئۇنى يېمەكلىك زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، ليۇ كېشىن ئۇنىڭ ئۆيىگە تۆت قېتىم بارغانىدى.

ھاۋاگۈلنىڭ ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىنى بېقىپ، بىرنەچچە مو يەرنى تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. ليۇ كېشىن ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا بۇلارنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئىشلەمچىلىك قىلىش تەكلىپى بەرگەندە، ئۇ ئۇدۇللا رەت قىلغانىدى.

سەنتەي يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ليۇ كېشىن يەنە ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ سەپەرۋەر قىلدى. لېكىن ھاۋاگۈل يەنىلا بېرىشنى خالىمىدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، ليۇ كېشىن 3 - قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ قېتىم ھاۋاگۈل ئاخىر قوشۇلدى.

ئويلىمىغان يەردىن يېرىم ئايدىن كېيىن ھاۋاگۈل ئىستېپا بەردى. شۇنىڭ بىلەن ليۇ كېشىن 4 - قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇزاق پاراڭلىشىشتىن كېيىن ھاۋاگۈل چوڭقۇر تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ھاۋاگۈل باشقىچىلا ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالدى، خىزمەتنى ئاكتىپ، پۇختا ئىشلىدى، ئىشقا چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر ئايدا مۇكاپات ئالالايدىغان بولدى. 2019 - يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

ليۇ كېشىن ئۇرايىم رازاقنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، دائىم كەنت ئاھالىلىرىگە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇرايىمنىڭ ئائىلىسىدە يەتتە جان بار بولۇپ، ياشىنىپ قالغان، كېسەلچان ئانىسى، مېيىپ ئاچىسى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۈچ بالىسى بار ئىدى، ئۇرايىم ئەر - خوتۇن ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، بىرقانچە يىل تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار بىر ئائىلىنى باياشات، ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، كاللىدىكى ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىنى قومۇرۇپ تاشلاش كېرەك» دېدى ليۇ كېشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى