تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاپچال گۈرۈچىنىڭ خۇش ھىدى سۈپەتلىك ماركا يولىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جەزىرە نېسىپبېك، جاڭ رۈيلىن

تىيانشاننىڭ قار سۈيىدىن ئوزۇق ئالغان چاپچال گۈرۈچىنىڭ داڭقى يىراقلارغا تارالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمى مۇقىم، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئەلا سۈپەتلىك شال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، شالچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئەلا سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇنجاچى نېرۇ بازىرى چولپان كەنتىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى چاپچال شال تەجرىبە پونكىتىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ فېڭبىن يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان يېڭى شال سورتىنى كۆزىتىۋاتاتتى.

ئىلگىرى، چاپچالدىكى شال تېرىيدىغان دېھقانلار ئىشلەتكەن ئۇرۇقلۇق كۆپ خىل ھەم شالغۇت بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىلغان شالنىڭ سۈپىتى ئوخشاش بولماي، شۇ جاينىڭ شالنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. 2015 - يىلىدىن باشلاپ، چاپچال «ئاكادېمىيە بىلەن ناھىيە پەن - تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ تۇپراق ۋە كىلىمات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈپ، شال مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

«يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، بىز شۇ جايدا تېرىشقا ماس كېلىدىغان ئالتە خىل سورتنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 40 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئاشۇردۇق» دېدى ۋاڭ فېڭبىن.

نۆۋەتتە، بۇ تەجرىبە پونكىتى يېتىشتۈرگەن شىنداۋ 42، شىنداۋ 46، نوڭلىن 315 قاتارلىق ئۇرۇقلۇقلار دېھقانلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تاللاپ ئىشلىتىلىپ، شال سورتىنىڭ ئەلالىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۈچ قوشتى

بۇ يىل، چولپان كەنتىدىكى 100 ئائىلىلىك دېھقان 12 مىڭ مو يېرىنى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە ئوبوروت قىلدى، بۇ، 10 مىڭ مولۇق شال ئېتىزى ئۈلگە بازىسى بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىلدى. ئۈلگە بازىسى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق تەلىپى بويىچە بىرتۇتاش قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى.

«بۇ شاللىقنىڭ كۆلىمى 1000 مودىن ئاشىدۇ، مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئاز دېگەندىمۇ %10 ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ھەر مو شاللىقنىڭ ئورۇش ھەققىنى ئاز دېگەندىمۇ بەش يۈەندىن ئون يۈەنگىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ» دېدى بۇ ناھىيەدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ يۈن.

شىنجاڭ خېۋاڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ئۈلگە بازىسىنىڭ 1200 مو يېرىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. 2019 - يىلى، بۇ شىركەت ياڭجوۋ داشۆ بىلەن ھەمكارلىشىپ، بېيدوۋ يول باشلاش توققۇز ئىش تەرتىپى بويىچە بىرىكمە مەشغۇلات قىلىنىدىغان قۇرغاق يەرگە بىۋاسىتە شال تېرىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى، بۇ تېخنىكا تېرىقچىلىق تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى، بۇنىڭ بىلەن ھەر مو يەردىكى مايسا تىكىش تەننەرخى 200 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى، مو بېشى ھوسۇلى 50 كىلوگىرامدىن 100 كىلوگىرامغىچە ئاشتى.

«بۇ يىل بىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شىركىتى قۇرۇپ، شال ئىشلەپچىقىرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەشغۇلات سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدۇق» دېدى بۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لو جېنيۈ.

سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ بازار ئاچتى

شىنجاڭ جياڭلياڭ خېڭفېڭ ئاشلىق، ياغ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا تۆت خىل سورت، 60 نەچچە يەككە تۈردىكى گۈرۈچ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى تىزىلغانىدى.

«2018 - يىلى شىركەت تېخنىكا ئۆزگەرتتى، پىششىقلاپ ئىشلىگەن گۈرۈچنىڭ ئۇۋىقى تېخىمۇ ئاز بولدى، گۈرۈچ تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ پارقىراق بولدى» دېدى شىنجاڭ جياڭلياڭ خېڭفېڭ ئاشلىق، ياغ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ شياۋجۈن.

بۇ كارخانا ئىشلەپچىقارغان گۈرۈچ پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپلا قالماي، ئىچكىرى رايونلاردىمۇ نۇرغۇن بايراقدار دۇكانلار بار بولدى، ھەر يىلى 50 مىڭ توننا شالنى تولۇق سېتىۋېلىپ، سېتىش سوممىسىنى 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزەلەيدۇ.

گۈرۈچ سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، چاپچال بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، «چاپچال گۈرۈچى»دىن ئىبارەت جۇغراپىيەلىك بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك كىرىش بوسۇغىسى تەسىس قىلدى، پەقەت ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارلا بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ «يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلدى. كارخانىلار ئىختىيار قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا شال ئىشلەپچىقىرىدىغان بەش كارخانىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكى 50 مىڭ توننىغا يەتمەسلىكتىن بۇ يىلقى 100 مىڭ توننىغا تەرەققىي قىلدى. چاپچال گۈرۈچ كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولۇش، ماركىسى قالايمىقان بولۇش، ھەتتا يامان خاراكتېرلىك رىقابەتلىشىش ئەھۋالى كەلمەسكە كەتتى.

ئورگانىك ماركا يارىتىش، شاللىق قىسقۇچپاقىسى بېقىش ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ شۇ جاينىڭ سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى تىكلەشتىكى كۈچلۈك تەدبىرى بولدى. بۇ يىل چاپچالدا 150 مىڭ مو يەرگە شال تېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 5000 مودىن كۆپرەكى ئورگانىك شاللىق بولۇپ، 30 توننىدىن ئارتۇق قىسقۇچپاقا بېقىلدى.

«ھازىر بازار چاپچال گۈرۈچىنى بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ، چاپچالنىڭ شاللىق قىسقۇچپاقىسىمۇ بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ، مەن باققان بىر توننا شاللىق قىسقۇچپاقىسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 100 يۈەندىن ساتالايمەن» دېدى كان يېزىسى كۆلتەكچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەن جۈنچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ