تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى

«تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتى قايتا تەكىتلەندى، دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، «ئۈچ مۇداپىئە سېپى»نى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، چېگرا پورتلىرى، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، «چېگرا سىرتى»دىن «دۆلەت دەرۋازىسى»غىچە، يەنە «ئۆي»گىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ كىرىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. «ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى چىڭ كۆزلەپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ھالقىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ھەرگىز يوققا چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، ئالدىن كېلىشىپ ئېچىۋېتىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئېچىۋېتىش، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇپ، توپلىشىۋېلىشتىن ساقلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. قاتناش قوراللىرى ۋە مەيدان - بېكەتلەردە ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، مېھمانخانا، مېھمانسارايلاردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، تازىلاش - دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت، قاتناش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپكارلارنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ، يېمەكلىك ۋە مۇھىت تازىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەپەس يولى، ئۈچەي يولى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يۇقۇمى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، 24 سائەت پۈتۈن كۈنلۈك كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمىنى ۋاقتىدا بايقاش، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام تەلىپىنى چىڭىتىپ، ئىستىل تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئامما ئالدىنى ئالىدىغان، ئامما تىزگىنلەيدىغان، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، ۋاڭ مىڭشەن، جاۋ چۇڭجيۇ، مەڭلىك سىيىت، ليۇ سۇشې، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ