شىنخۇا تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ شوۋفاڭ، يۈەن يې خەۋىرى): بۇ يىل، توققۇزتارا ناھىيەسى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەي، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
«ئەتىيازدا، نوڭيى مەھەللىسى ماڭا 30 چۈجە بەردى، بەش ئاي باقتىم، ھازىر يېگۈدەك بولدى، بىر چۈجىنى 50 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، 1000 يۈەن تاپتىم». بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى كالا فېرمىسى تەۋەلىك رايونى نوڭيى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى پاتىگۈل تۇرسۇنتاي ناھايىتى خۇشال ئىدى، ئۇ بىر پەسىل باققان توخۇلار كاتەكتىن چىقتى، يەنە ياخشى باھادا سېتىلدى. ئۇ تەسىرلەنگەن ھالدا، بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن بولغانلىقىنى، نامراتلارنى يۆلەش چۈجىسى ۋە يەم ـ خەشەكنى ھەقسىز تارقىتىپ، يەنە تېخنىكلارنى ئۆيگە ئەۋەتىپ قانداق بېقىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئائىلىلەرگىچە مۇلازىمەت قىلغانلىقتىن بولغانلىقىنى ئېيتتى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خۇددى ئىللىق شامالغا ئوخشاش پاتىگۈل تۇرسۇنتاي ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىللىقلىق، ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنىدى.
بۇ يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، توققۇزتارا ناھىيەسى كالا فېرمىسى تەۋەلىك رايونى نوڭيى مەھەللىسى دۆلەت بايرىقى ئاستىدا تەشۋىق قىلىش، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقى، ھويلا-ئاران باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
توققۇزتارا ناھىيەسى كالا فېرمىسى تەۋەلىك رايونى نوڭيى مەھەللىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شېرىنئاي مۇنداق دېدى:«نوڭيى مەھەللىسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 2020-يىلى ھەربىر ئائىلە 15 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش كالىسى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئىككى نامرات ئائىلە 30 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر 330 دانە نامراتلارنى يۆلەش توخۇسى ئىلتىماس قىلدى، ھويلا-ئاران باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاشۇرۇلۇپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى تۆۋەنلىتىلدى.»