9-ئاينىڭ 28-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى ئۇلان زەيگىسىن يېزىسى ئۇلان زەيگىسىن كەنتىدىكى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانى.
شىنخۇا تورى تارقاتتى نيەن لېي فوتوسى
شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى (رۇستەم، نيەن لېي): 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى ئۇلان زەيگىسىن يېزىسى ئۇلان زەيگىسىن كەنتىدىكى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا، دېھقانلار مول ھوسۇل ئالغان لازىلارنى يىغىپ ئاپتاپقا سېلىپ، ئايرىپ، خالتىلارغا قاچىلىدى. كۈز كىرگەندىن بۇيان، «لازا ماكانى» بولغان شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى يەنە بىر مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 2020-يىلى باغراش ناھىيەسىدە تېرىلغان 100 مىڭ مو يەردىكى پىگمېنتلىق لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، قىپقىزىل لازىلار پۈتۈن ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىغا يېيىتىلغان بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز ئالتۇن كۈزدىكى ئېتىزلىقتا كۆزنى قاماشتۇراتتى. بۇ يەرگە تېرىلغان لازىلار شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئاساسلىقى شەندۇڭ، گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، رايونلارغا سېتىلدى. نۆۋەتتە، لازا تېرىش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.