تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆپ خىل شەكىلدە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئامما كۆپ خىل شەكىلدە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، تېزلىكتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بارلىق كادىرلار بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق يىغىننىڭ مەزمۇنىنى ئۆگەندى. بۇ ئاكادېمىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاندىدات تەتقىقاتچى ساۋ زىگاڭ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان باسقۇچتا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات ئارىدا باشلىنىدىغان تارىخىي پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا رىشتە باغلىغان داھىيلىق مېھىر - مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. بۇ نازارەتنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر يې لىن پۈتۈن نازارەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلاردىن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئورگىنىدىكى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر - ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى كادىرلار تېلېۋىزىيە، ئانار بۇلۇت سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ نۇرى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى مىللەت خىزمىتى 2 - باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ باۋچۇەن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك».

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىرىنچى ۋاقىتتا بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز خىزمىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يىغىن روھىنى مىزان قىلىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى تۈزۈپ چىقىشنى تەكىتلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى بارلىق كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. بۇ نازارەتنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: «تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. بىز چوقۇم سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز».

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلىرى ھەم قاراشلىق تاموژنىلار ھەر كۈنى تەشكىللەيدىغان ئەتىگەنلىك ئۆگىنىشتە، ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانا ھەم قاراشلىق تاموژنا مەسئۇللىرى باشلاپ ئوقۇش شەكلى ئارقىلىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئۆگەندى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى دىڭ جىباۋ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، تاموژنا فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىمىز».

بۇ ئىككى كۈندە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى شىنخۇا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قايتا - قايتا ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇھىت ئاسراشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىمىز.

ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، مېھىر - شەپقەتنى سۆزلەش، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇش، تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىش... يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى كەلەيماق كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەم كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى چۆرىدەپ، بىر مەيدان ئالاھىدە ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنىنى قانات يايدۇردى، كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل جاڭكەي مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىللاردا كەنتتىكى ئۆزگىرىش شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، پەقەت بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل بولىدۇ».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار فەن خۇڭيى، ۋاڭ يۈجاۋ، شى شىن، مېھرىگۈل غوپۇر، ما يىنىڭ، لياڭ لىخۇا، شيې خۇيبيەن، چېن چياڭۋېي، گې يوۋجۈن، جەزىرە نېسىپبېك، خەن چىنيەن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ خەيجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گۇ شۆتۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ