تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا - قىشلاق چوپان ناخشىسىدا ئەكس ئەتكەن بەختلىك تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمى كەڭ يېيىلدى

چاپچال:

يېزا - قىشلاق چوپان ناخشىسىدا ئەكس ئەتكەن بەختلىك تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمى كەڭ يېيىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

كەچقۇرۇن، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئورگانىك شاللىق - قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق كەسپى بازىسىغا ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى چېچىلىپ تۇراتتى. كان يېزىسى خولىتىكچيگى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەن جۈنچياڭ قىسقۇچپاقا تۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇن كۆلەڭگىسى سۇ يۈزىگە چۈشۈپ تۇراتتى. 6 - ئايدا شاللىققا قويۇپ بېرىلگەن 360 كىلوگىرام كىچىك قىسقۇچپاقا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بىر توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسىنىڭ 120 يۈەن بولۇشى ئۇنى خۇشال قىلدى.

10 مىڭ مولۇق ئورگانىك شاللىق - قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق كەسپى بازىسى قۇرۇش چاپچالنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك تەدبىرى. 2014 - يىلىدىن 2016 - يىلىغىچە، بۇ ناھىيەدىكى 29 نامرات كەنت ئارقا - ئارقىدىن نامراتلىقتىن چېكىندى، نامرات ناھىيەمۇ رەسمىي «قالپىقىنى ئېلىۋەتتى». مۇشۇ ئاساستا، چاپچال كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى يولىدا ماڭدى، يېزا - قىشلاق چوپان ناخشىسىدا ئەكس ئەتكەن بەختلىك تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا كەڭ يېيىلماقتا.

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

بۇ يىل، جۇماكېرىم توختاسىننىڭ ئىككى ئارزۇسى بار: بىرى، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان پىكاپ سېتىۋېلىش، يەنە بىرى شەرەپلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش. «پارتىيە مېنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، مەن پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى ئۇ.

دۈييىچى نىيلۇ يېزىسى قىي يىڭ كەنتىدىكى بۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىسۇن. بەش يىل ئىلگىرى، ئۇ ئېرى بىلەن ناھىيەدىكى چۇاڭجىن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ باقمىچى بولدى. ئەينى چاغدا ئۇلار كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، يەنە 50 مىڭ يۈەن قەرزى بار ئىدى.

شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرى سۈت سېغىش زالىغا بېرىپ بەنجاڭ بولدى، بىرى مال دوختۇرى بولدى، مائاشىمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5000 نەچچە يۈەن ۋە 4000 نەچچە يۈەنگە ئۆستى. «كىرىمىمىز ئاشتى، قەرزنىمۇ قايتۇرۇپ بولدۇق، يېڭى ئۆي سېلىۋالدۇق، يېڭى ئۆي جاھازىلىرى سېتىۋالدۇق، يەنە تېخى پۇل ئامانەت قويدۇق» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

بۇ يىل، جۇماكېرىم شىركەتتە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بولدى. «مەن يەنە شەھەردىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، قېيىنئاتام، قېيىنئانام ۋە ئىككى بالامنى ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ئۇ.

چۇاڭجىن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى 2017 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شۇ جايدىكى 509 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، يەنە «شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» شەكلى ئارقىلىق 6000دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «بىزنىڭ نىشانىمىز 2022 - يىلى پاينى بازارغا سېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2025 - يىلىغا بارغاندا 13 مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە تۈرتكە بولۇش» دېدى بۇ شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جيۇڭچۈن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، نانچىلىق كەسپى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى.

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش

ئىلگىرىكى توپا يېغىپ، قۇم - بوران توختىماي چىقىدىغان جايدا، بۈگۈنكى كۈندە دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان بولدى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، قاينۇق يېزىسىنىڭ چوڭبۇلاق كەنتى بىلەن چېجى كەنتىنىڭ تۇتاشقان جايىدا بىر قاقاسلىق بار بولۇپ، كۈنبويى شامال چىقىپ توپا ئۇچۇپ تۇراتتى، ھەممە يەر ئاق شور بىلەن قاپلانغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر يېشىل تون كىيىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «گۆھەر ماكان»غا ئايلاندى. ئويمان يەردىكى بېلىق كۆلچىكى دولقۇنلاپ كۆزنى چاقنىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، چېجى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مانا يۈنۈس ئورمان بەلبېغىدىكى تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسىنى توپىغا كۆمۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئورمان بەلبېغىنى باشقۇرۇش - قوغداش ئۇنى بىر ئايدا 1000 يۈەن مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى. «ئىلگىرى يەر تېرىغاندا كىرىمىم كۆپ ئەمەس ئىدى، مەن يەرنى بىراقلا ھۆددىگە بېرىۋەتتىم، ئورمان بەلبېغىنى باشقۇرۇش - قوغداشتىن مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ يايما ئېچىپ كاۋاپ سېتىپمۇ بىر ئايدا خېلى كىرىم قىلىدىغان بولدۇم» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۇيسۇن تېغى ئېتىكىدىكى بۇ يەر ئەسلىدە قۇرغاق، ئۈنۈمسىز بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرگە تايىنىپ نان تېپىپ يېيىشى تەس ئىدى. شۇڭا ناھىيە «ئېكولوگىيە+نامراتلارنى يۆلەش» تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يەردە 300 مىڭ مو ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئالما، ئۆرۈك، شىنمېي قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈپ، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە، ھەم ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

ئىقتىسادىي ئورماندا «شىركەت+دېھقان ئائىلىسى» باشقۇرۇش - قوغداش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنىغا كىرگۈزۈلدى، ھەربىر نامرات ئائىلە 50 مو مېۋىلىك دەرەخنى باشقۇردى، ئالدىنقى بەش يىلدا پايدا بولمىغاندا، ھەر يىلى ھەربىر ئائىلىگە 12 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلدى؛ بەش يىلدىن كېيىن، ياردەم پۇلى بېرىلمەي، مېۋىلىك دەرەخ پايدىسىنىڭ %30ى نامرات ئائىلىلەرگە بېرىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، چاپچالنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىغا ئاپتوموبىللىق بارسىڭىز، كەسىپلەر تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، مۇھىتنىڭ تېخىمۇ گۈزەللەشكەنلىكىنى بايقايسىز. 100 مىڭ مولۇق زاراڭزا ئۆلچەملەشكەن يېشىل خام ئەشيا بازىسى، 5000 مولۇق ئورگانىك زاراڭزا تېرىش بازىسى، 10 مىڭ مولۇق ئورگانىك شاللىق - قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق كەسپى بازىسى... بۇ يەرنى ھەم شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىپايانلىقىغا، ھەم جاڭنەننىڭكىدەك گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە قىلدى.

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇش

مەدەنىيەت يىلتىز، مەدەنىيەت روھ.

ئوقيا، كىيىم - كېچەك، بېلېن ئۇسسۇلى، شىبە يېزىقى... شىبە قەدىمىي شەھىرىگە كىرسىڭىز، شىبە مىللىتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى خۇددى سىزگە بۇ مىللەتنى چۈشەندۈرىدىغان دېرىزىلەرنى ئېچىپ بەرگەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن شىبە قەدىمىي شەھىرى تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش قەدىمىگە ئەگىشىپ، شىبە قەدىمىي شەھىرىگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، شۇ جايدىكىلەرگە كىشىلەر ئېقىمى ئېلىپ كەلدى، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتتى.

سۇنجاچى نېرۇ بازىرى سۇنجاچى نېرۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەن جۈنچىڭ شىبە خەلق ناخشىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، ھازىر شىبە قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ ئويۇن قويۇش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتى ئويۇن قويۇش بۆلۈمىدىكى ئارتىسلارغا شىبەچە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىش، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش قاتارلىقلار. «بىر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمىز، ھەم مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدۇق، ھەم كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق» دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

«تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، غەربكە كۆچۈش روھى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدۇر. شىبە مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، شىبە مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قېزىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى چاپچال غەربكە كۆچۈش مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تۇڭ شىپىڭ.

چاپچال ئۆز جايىنىڭ خاس مەدەنىيەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇپ، شىبە قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت - ساياھىتى، قازاق مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى قاتارلىق يېزا - كەنت ساياھەت تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە روھ ئاتا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ