تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

«لۇڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى شىنجاڭغا كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى

«لۇڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى يولۇچىلار قول پۇلاڭلىتىپ سالام قىلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، 580 نەپەر يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان «لۇڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى شىنجاڭغا كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

  «پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىقساق، تاماق، ياتاق، سەپەر ئىنتايىن قولايلىقكەن، شىنجاڭنىڭ بوغدا كۆلى، تۇرپان، قاناس ۋە شۇ جايدىكى خەلقنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى كىشىنى ئىنتايىن تەقەززا قىلىدىكەن» دېدى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن خاربىنلىق ساياھەتچى سۈن گوجۇڭ.

  مەخسۇس پويىزنىڭ يۈرۈشۈشىگە مەسئۇل بولغان خاربىن تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت-تەرەققىيات گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىڭ فاڭخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى «لۇڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى يولۇچىلار ئاساسلىقى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن، مەخسۇس پويىز خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 18 شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن بىۋاسىتە شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە بارىدىغان بىردىنبىر ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئىكەن. مەخسۇس پويىز پۈتۈن مۇساپىدە 15 كۈن يۈرىدىغان بولۇپ، يۈرۈش مۇساپىسى 9000 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن، مەخسۇس پويىز قاناس، بوغدا كۆلى، تۇرپان قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىكەن.

«لۇڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر تەشكىللەپ يولغا قويغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى 10-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈز 10-ئايدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدىكەن، شۇنداقلا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ماركىسى __ «جىڭخې» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قاتنايدىغانلىقى پىلانلىنىپ بولۇنغان، بۇ مەخسۇس پويىز ئۇدا بەش يىل قاتنىغان بولۇپ، 16 قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناپ، جەمئىي 8000 ئادەم قېتىمدىن كۆپ كىشى مۇشۇ پويىز ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى ساياھەت قىلدۇرۇپ، «تۆمۈريول + ساياھەت + نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش» بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچقان. بۇنىڭدىن باشقا، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، تۇنجى «خۇاڭخې» ناملىق سەنشى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىمۇ شىنجاڭغا كىرىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سانجى ئوبلاستىغا كىرىپ، «تىيانشاننى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش __ مىڭ چاقىرىملىق ئالتۇن لىنىيە»نى چۆرىدەپ، سەنشىلىك ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تۇپراقنى ھەرتەرەپلىمە ھېس قىلدۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «لۇڭتەي» ناملىق، «جىڭخې» ناملىق، «جىنخې» ناملىق، «سۈرەتتەك جېجياڭ-ئاقسۇ» ناملىق قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى ئارقا-ئارقىدىن قاتنىغان، مەخسۇس پويىزلارنىڭ كېچىدە يول يۈرۈپ، كۈندۈزى ساياھەت قىلدۇرۇش ئەندىزىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە «لۇڭتەي» ناملىق، «جىڭخې» ناملىق قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى تەدرىجىي دائىملاشقان قاتناشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ