9-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇەيبېي شەھەرلىك 1-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قول ھۈنەرخانىدا ئەنئەنىۋى رەخت توقۇشنى ھېس قىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي شەھەرلىك 1-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئىلىم-پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەكتەپتە دېھقانچىلىق ئۆيى، ياغاچچىلىق ئۆيى، ئىلىم-پەن تەتقىقاتخانىسى ۋە ماتېماتىكا تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى. مەكتەپ كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكچىلىك قىلىپ دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن تۈرلۈك قول ھۈنەر سىناپ بېقىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، خۇشال سىناپ بېقىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقى ئۇرغۇدى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆستى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ۋەن شەنچاۋ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇەيبېي شەھەرلىك 1-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماتېماتىكا تەجرىبىخانىسىدا «شەكىل گۈزەللىكى»نى ھېس قىلدى.
9-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇەيبېي شەھەرلىك 1-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەغەز ياساش ئۆيىدە ئەنئەنىۋى قەغەز ياساشنى ھېس قىلدى.
9-ئاينىڭ 27-كۈنى خۇەيبېي شەھەرلىك 1-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياغاچچىلىق ئۆيىدە ياغاچ ھەرىدىدى.