تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئەلى توختى كەنت قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قايتىپ كەلدى: يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلھايات ئابدۇرېشىت): «كېلەر ئايدا، ئەلىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا چۈشىمەن» دېدى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىدىكى مەمەتئۆمەر مەمتىمىن مۇخبىرغا.

   مەمەتئۆمەر تىلغا ئالغان ئەلى، كەنتتە تۇنجى بولۇپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە پىششىقلاش سېخىنى قۇرۇپ، 60تىن ئارتۇق نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن ئەلى توختى ئىدى.

   غەجەك كەنتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.5 موغىمۇ يەتمەيدىغان نامرات كەنت. ئائىلىسىنىڭ غورىگىل تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 1997-يىلى ئەلى دوستلىرى بىلەن بىللە ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ، قۇرۇق مېۋە سېتىۋېلىش سودىگىرىگە ئەگىشىپ سېتىشنى ئۆگىنىپ، قۇرۇق مېۋە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ياڭاق سورتىنى ياخشىلاش، ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، بۇنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك ياڭاق سورتىنى ياخشىلىشىغا ياردەملەشتى.

   2000-يىلى، ئازراق پۇل يىغقاندىن كېيىن، ئەلى شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرىدە ئۆزىنىڭ قۇرۇق مېۋە توپ سېتىش دۇكىنىنى ئاچتى، يەنە غەجەك كەنتىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى ياڭاقلارنى سېتىش يولى بىلەن تەمىنلىدى.

   ئەلى مۇنداق دېدى: «ئىچكىرى رايونلاردا تىرىشقان چاغلىرىدا، مېنى تۇغقان، بېقىپ چوڭ قىلغان شىنجاڭنى، يۇرتۇمدىكى يۇرتداشلىرىمنى ئىنتايىن سېغىندىم».

   2019-يىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ غەجەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەلى 600 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى قۇردى ھەم ئىچكىرى رايوندىن قۇرۇق مېۋە قۇرۇتۇش، ئوراش-قاچىلاش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزدى.

   «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنىڭ قەرز ئېلىش مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشكە تەكلىپ بەردى ھەم تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سۈپەتلىك ماركا مەھسۇتى بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ يىراققا ماڭغىلى بولدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى ئەلى.

    ئەلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەنتتىكى 60دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر يىلدا 500 توننا ياڭاق، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، سوقماق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ سېتىپ، يەرلىكتىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

   مەمەتئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى، كۈزلۈك ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بىكار بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، باشقا ھېچقانداق ئارتۇق كىرىمى يوق ئىدى. بۇلتۇر ياڭاقنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەپ، ئېيىغا 2200 يۈەن مائاش ئېلىپ، يېرىم يىلدىلا ئائىلىسىگە 13 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كىرىم قىلىپ بەردى. بۇ يىل ياڭاقلىرىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

   كەنت ئاھالىسى مەتنىياز غوجىئابدۇللا ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 3000 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلدى. ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا چىلان پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ھەر ئايدا خېلى كۆپ كىرىم قىلدى.

   «ئۆزۈم يالغۇز ياخشى كۈنگە ئېرىشسەملا بولمايدۇ، يۇرتۇمغا قايتىپ، يۇرتداشلىرىمنىڭ پۇل تېپىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلىسەم، بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم» دېدى ئەلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ