ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرىنىڭ چېگراسىدىكى دەريا توۋدۇنخې دەرياسى، 101-ئۆلكە يولنى بويلاپ ماڭغاندا، ليۇخۇاڭگوۋ جىلغىسى بىلەن سەنتۇنخې دەرياسى تۇتاشقان جايدا ئەگرى-بۈگرى سەنتۇنخې دەرياسى كارازازۇ تېغى ئارىسىدا ئورىلىپ، ئەگرى-بۈگرى ئايلانمىلاردىن ئۆتۈپ، ھەيۋەتلىك جىلغىغا تۇتىشىدۇ.
سەنتۇنخې جىلغىسىنى بويلاپ يۇقىرىغا ماڭغاندا، ئۇششاق شېغىللار بىلەن لاتقا جىنىسلارنىڭ قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان رەڭدار ئېدىر، جىلغىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يىراقتىن قارىغاندا، جىلغىلار خۇددى رەڭلىك دېڭىز-ئوكيان دولقۇنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ يېقىندىن قارىغاندا، رەڭدار ئېدىرلىق خۇددى ئەتلەستەك كۆركەم بولۇپ، ھەتتا چىملىقتا ئوتلاپ يۈرگەن كالىلارمۇ ئۇنىڭ يول-يول سىزىقلىرى ئىچىگە سىڭىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. تەبىئەت خۇددى سىزما رەسىم ئۇستىسىدەك بۇ يەرنىڭ تاغ-دەريالىرى، جىلغىلىرىنى رەڭگارەڭ، ئاجايىپ-غارايىپ تەسۋىرلىگەن.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى