شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، «لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ ئەزاسى قەلبىنۇر ئىمىنتوختى تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرغان قۇرۇق مېۋىلەرنى تاللىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ لوپ ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن بەش نامرات ناھىيەنىڭ بىرى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە، شۇ جاي خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، تىجارەت ئەترەتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىنى يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل قىلدى.
«لولەن گۈلى» بولسا كەسىپلەر باغچىسىدا جانلىنىۋاتقان بىر ياش قوشۇن بولۇپ، ئاساسلىقى تور سۇپىسىدا نۆۋەت بىلەن بىۋاسىتە تارقىتىپ، لوپ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى ۋە دېھقان ئائىلىلىرىدىن كەلگەن سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدى.
«لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى لوپ ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، كەسپىي تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، بۇ ياش قىزلار ئېكران ئالدىدا بىمالال سۆزلەپ دېھقانلارنىڭ ماللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە يۇرتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلدى(خۇ خۇخۇ فوتوسى، 9-ئاينىڭ 26-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، «لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ ئەزاسى نۇرىمانگۈل تۇرسۇنجان ياڭاقنى تورداشلارغا كۆرسەتمەكتە.
شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، «لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇخەلچەم تۇرسۇنتوختى، نۇرىمانگۈل تۇرسۇنجان(ئوڭدا) بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە سەنئەت تالانتىنى كۆرسىتىپ، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، «لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ ئەزاسى نۇرىمانگۈل تۇرسۇنجان بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئىشلىتىدىغان تاۋارلارنى تىزماقتا.
شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، «لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى تور سۇپىسى ئارقىلىق خوتەن قىزىلگۈل چېيىنى تونۇشتۇرماقتا.
شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، «لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى دەم ئېلىش ۋاقتىدا تاماق يېگەچ پاراڭلاشماقتا.
شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، «لولەن گۈلى» ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇخەلچەم تۇرسۇنتوختى(سولدا)، نۇرىمانگۈل تۇرسۇنجان بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.