تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

【نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش. قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن نامرات ناھىيەلەردە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش】 «ياڭاق ماكانى» قاغىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ سالاھىيىتى كەسىپكە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمى تېزلىدى

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەلىك ياڭاق سودا مەركىزىدە، ياڭاق ئايرىپ تاللاش سېخىنىڭ تاللاشقا ئادەم كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش سۇپىسى ئالدىدا، ئىشچىلار سۈپەتسىز ياڭاقلارنى ئىلغىماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ فوتوسى، خەۋىرى): ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاقلار ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈش پەسلىگە كىردى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان قاغىلىق ناھىيەلىك ياڭاق سودا مەركىزىنىڭ قاچىلاش-چۈشۈرۈش رايونىغا كىردى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ياڭاقلارنى خالتىلارغا قاچىلاپ ئاندىن ئاپتوموبىلغا بېسىپ توشۇۋاتاتتى؛ ياڭاق ئايرىپ تاللاش سېخىنىڭ تاللاشقا ئادەم كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش سۇپىسى ئالدىدا، ئىشچىلار سۈپەتسىز ياڭاقلارنى ئىلغاۋاتاتتى؛ ياڭاق مېغىزىنى ئايرىپ تاللاش سېخىدا، ئىشچىلار ياڭاق چېقىش ئۈسكۈنىسىدە چېقىلغان ياڭاقلارنىڭ مېغىزىنى ئېلىۋاتاتتى.

ئىلگىرى ياڭاق تېرىقچىلىقىغا تايىنىدىغان دېھقانلار ھازىر ياڭاقچىلىق كەسپىگە تايىنىپ، بەس-بەستە ئىش ئورنىغا چىقىپ، ياڭاقچىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى بىر ئىشچىغا ئايلاندى. سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ، بولۇپمۇ نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى.

بۇمەريەم ئۆمەر ياڭاق ئايرىغۇچى بولۇپ، زاۋۇتقا كىرىشتىن ئىلگىرى بىر ئاددىي دېھقان ئىدى، توي قىلغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا كىرىمى يوق ئىدى. «مەن 2019-يىلى 9-ئايدا زاۋۇتقا كىرىپ خىزمەت قىلدىم، ھازىر ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئېرىم تۆمۈرچى، ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.» بۇمەريەم ئۆمەر ھازىر ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەلىك ياڭاق سودا مەركىزىدە، ياڭاق ئايرىپ تاللاش سېخىنىڭ تاللاشقا ئادەم كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش سۇپىسى ئالدىدا، بۇمەريەم ئۆمەر (سولدا) سۈپەتسىز ياڭاقلارنى ئىلغىماقتا.

سودا مەركىزىنىڭ قاچىلاش-چۈشۈرۈش رايونىدا، ئابلەت توختىمەمەت خىزمەتداشلىرى بىلەن ياڭاقلارنى خالتىغا قاچىلاۋاتاتتى. ئابلەت توختىمەمەتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىدە بەش جان بار ئىكەن، ئۇ ھازىر قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇپ، ئايدا 3500~4000 يۈەن تاپالايدىكەن، چوڭ ئوغلى ئەمدىلا ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، ئاشخانىدا ئىشلەيدىكەن، كىرىمىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن. «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى 2020-يىلى 20 مىڭ يۈەن يىغالايمىز، كېلەر يىلى مەن بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ ياڭاق توشۇماقچى، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېدى ئابلەت توختىمەمەت.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەلىك ياڭاق سودا مەركىزىدە، ئامبار باشقۇرغۇچى ئالىمجان ئوسمان ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان ماللارنى سېلىشتۇرۇپ ئۇدۇللىماقتا.

ئالىمجان ئوسمان 2020-يىلى 22 ياشقا كىرگەنىدى، ئۇ 2019-يىلى 9-ئايدا ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قاغىلىق ناھىيەلىك ياڭاق سودا مەركىزىگە كېلىپ ئامبار باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئورۇنلاشقانىدى. «مەن ھازىر ئاتا-ئانام، ئاكام، يەڭگەم بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىمەن، ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالدى، ئۆيدە قوي-كالىلارغا قارايدۇ، ھويلا-ئارانلارنى باشقۇرىدۇ، ئاكام قۇرۇلۇش ئەترىتىدە توكچىلىق قىلىدۇ، يەڭگەم كىچىك دۇكان ئاچىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ 17 مو يېرىنىمۇ پۈتۈنلەي ھۆددىگە بەردۇق.» ئالىمجان ئوسمان ھازىر ئايلىق مائاشىنىڭ 4000 يۈەن ئىكەنلىكىنى، زاۋۇتنىڭ يەنە ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، 2020-يىلى ئائىلىسىنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ چوقۇم 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە توختالغاندا، ئالىمجان ئوسمان مۇخبىرغا ھازىر ئۆزىنىڭ پەقەت تىرىشىپ ئىشلەشنىلا ئويلايدىغانلىقىنى، ئاۋۋال ئىگىلىك تىكلەپ، ئاندىن ئۆي-ئوچاقلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قاغىلىق ناھىيەسى «ياڭاق چوڭ ناھىيەسى» بولۇپ، «ياڭاق ماكانى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە. قاغىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى بۇ ناھىيەدە ياڭاق تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمى 580 مىڭ موغا يېتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 130 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، ياڭاقچىلىق كەسپى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ