تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شىنجۈن): 9-ئاي كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مول ھوسۇل خۇشاللىقى ئەكس ئەتتى، 180 مىڭ مو يەردىكى ئاپتاپپەرەس ئورۇلۇشقا باشلىدى.
گۇچۇڭ ناھىيەسى بىلۇخې بازىرى تاڭفاڭمېن كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى زو جۇ 2800 مو يەرگە ئاپتاپپەرەس تېرىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ يىل ئائىلىمىز تېرىغان ئاپتاپپەرەسنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 250 كىلوگرام، مو بېشى ساپ كىرىمى 800 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك زىرائەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ناھىيە ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ياخشى بولغان كىلىمات، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى شارائىتىغا تايىنىپ، بازا قۇرۇلۇشى، سۈپەتلىك سورتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق تەرەپلەردە سىياسەت، تېخنىكا جەھەتتىن يۆلەپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى. بۇ يىل، بۇ ناھىيەدە تېرىلغان ئاپتاپپەرەسلا 180 مىڭ موغا يەتتى.