تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8- ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى %30تىن كۆپرەك ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 15 مىليارد 630 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.5 ئېشىپ، تاشقى سودىدا مۇقىملىشىپ ياخشىلىنىشتەك ئېشىش ھالىتى كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 11 مىليارد 760 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئاشقان؛ ئىمپورت 3 مىليارد 870 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئاشقان.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 89 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.1 ئاشقان. سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئادەتتىكى سودا كۆلىمى مۇقىم ئېشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 42 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.4 ئاشقان. باشقا سودا شەكىللىرىدە تېز تەرەققىي قىلىش ھالىتى كۆرۈلۈپ، پىششىقلاش سودىسى، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، باشقا سودا قاتارلىقلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولغان.

قازاقىستان يەنىلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى بولۇپ، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولغان.

پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا تاشقى سودىدىكى ئاساسىي كۈچ بولغان، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلاردىمۇ جانلىنىش بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسكەن. ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئېكسپورتى سىجىل ئاشقان، تەبىئىي گاز، مېتال رۇدىسى ۋە رۇدا ئاساسلىق ئىمپورت تاۋارلىرى بولۇپ قالغان.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى لايىھەسى، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىلگەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئالدىنقى باسقۇچتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ دەل جايىدا ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ