تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ ئىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش بولمايدۇ».

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ مول، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

«مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي يولى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ شيۇڭ خۇڭجيۇ مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەنگەنلىكتىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، تۇرمۇشىمۇ زامانىۋىلاشتى. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياخشىلىققا ئىنتىلدۈرىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلدۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا سۇنىمەن».

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى تولۇق شەرھلەندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي(شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ كەسپىي ئىشلار مەسئۇلى تۇرسۇن قىزىربېك مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز پارتىيە تارىخىنى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىنى ئۆگىنىش باش تېما كۆرگەزمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇيۇشتۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ تارىخنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز».

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى لى لى مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۇتۇپخانىنىڭ جەمئىيەت تەربىيەسى فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى، ئەۋج ئالدۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز».

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى تەنتەربىيە ئىشلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جەي خۇڭفېي مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تەنتەربىيە ساھەسىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئامما ئارزۇ قىلغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يې بىن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ قىشلىق تۈر ئەترىتى زاپاس ئەترەت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكەتچىلىرى زاپاس كۈچىنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئۆتەڭ بېكىتى، ماھىر تاللاش مەنبەسى، زاپاس ساقلاش ئامبىرى قىلىپ يېتىشتۈرىمىز».

(مۇخبىر جىڭ بو، قاتناشقان مۇخبىرلار مايگۈل، جيا چۇنشيا، لى لى، جېڭ يىيۈەن، دۇڭ لياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ