تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشانغانلار ۋە بالىلار خۇشال - خۇرام ياشىماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لىن

«ياشانغانلار ۋە بالىلار خۇشال - خۇرام ياشاش» − بۇ، تاۋ يۈەنمىڭنىڭ «تاۋخۇايۈەن خاتىرىسى»دە ئارزۇ قىلغان گۈزەل تۇرمۇش مەنزىرىسى.

«ياشانغانلار، بالىلار» ئائىلىدىكى ئەندىشە قىلىنىدىغان ئىككى تەرەپ؛ «ياشانغانلار، بالىلار» مەسىلىسى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ياشانغانلار، بالىلار»نى خەلق تۇرمۇشىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، كۈتۈنۈش، يەسلى مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، يۇقىرى ئورۇندىن تۈرتكە بولۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ياشانغانلار» ۋە «بالىلار» ئارىسىدا يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان كۈلۈمسىرەش ئەگرى سىزىقىنى سىزىپ، تەلپۈنگەن سۈرەت مەنزىرىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى

ياشانغانلارنى ھەقىقىي بەختكە ئېرىشتۈرۈش

«مېنىڭ قەلبىمدىكى ھاللىق سەۋىيە ئاخىرقى ئۆمرۈمدىكى تۇرمۇشۇمنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش.» 76 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ گۇييىڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە ياشانغانلار كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە، ئۇ ھەر كۈنى ياشانغان ئاچا - سىڭىللار بىلەن ناخشا ئېيتىدۇ، كۆڭۈل ئاچىدۇ، ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.

جاڭ گۇييىڭ تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى ياشانغانلار كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى «15 مىنۇتلۇق مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكى»گە ئاساسەن، ئائىلىدىكى ياشانغانلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەش، كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش - سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئارام ئېلىش - كۆڭۈل ئېچىش، روھىي جەھەتتىن تەسەللى بېرىش قاتارلىق بىر بېكەت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇلى مېھرىگۈل تۇرسۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇم مەزگىلىدە، كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى يەنە تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئائىلىلەرگىچە ئۇزارتتى، ئۆيىدە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە چاقىرغۇچ ئورنىتىپ بەردى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان، مەھەللىلەرنى تايانچ قىلغان، ئاپپاراتلارنى تولۇقلىما قىلغان، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن» كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا قارىتىلغان تولۇقلاش تىپىدىكى پاراۋانلىق مۇلازىمىتىدىن بارلىق ياشانغانلارغا يۈزلەندۈرۈلگەن خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىگە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئائىلە، مەھەللە، ئاپپاراتلاردىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان» كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، 3 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. 2020 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 764 كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى، 63 مىڭ 492 كارىۋات بار بولدى.

ياشانغانلار كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، گىرەلىشىش شەكلىدىكى مەھەللىدە كۈتۈنۈش، «ئالاقە تورى + ئائىلىدە كۈتۈنۈش»تىن ئىبارەت خاسلىققا ئىگە كۈتۈنۈش يېڭى ئەندىزىسى ھەرقايسى جايلاردا تەدرىجىي چېچەكلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرىدىن كېيىن، بۇ يىل، قاراماي شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى 5 - تۈركۈمدە مەركەز مالىيەسىدىن مەدەت بېرىلىدىغان ئائىلىدە ۋە مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ياشانغانلار كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى 310غا يەتتى.

«ئەتىگەندە كېلىپ كەچتە قايتىمەن، بۇ يەردە كىتاب ئوقۇيمەن، خەت يېزىشنى مەشىق قىلىمەن ياكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن، ئون نەچچە يۈەن خەجلەپلا <ئۈچ قورۇما، بىر شورپا>لىق چۈشلۈك تاماق يېيەلەيمەن.» ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۇەن - دۇڭسەن رايونىنىڭ ئاھالىسى سۈن خوۋخۇا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىشىك ئالدىدىكى جياخې مەھەللە كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى بۇلتۇر 11 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەن ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىدىغان بولدۇم.

بۇ مەركەزنى مەھەللە ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭ جيۇفۇ خېرۇن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى تىجارەتكە مەسئۇل بولدى، ئىككى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىم ۋە بىر تولۇق ۋەزىپىدىكى پىدائىي بار، ھەر كۈنى كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە كىرىدىغان ئاھالە 70 نەچچە ئادەم قېتىمغا يېتىدىغان بولۇپ، تەۋەلىكتىكى ئېھتىياجى بار بولغان 60 ياشتىن ئاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ. جياخې مەھەللە كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە ئوخشاش، 2019 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدىن 35نى يېڭىدىن قۇردى، ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە %80تىن كۆپرەكى 3 - تەرەپ تىجارەت مۇلازىمىتىنى كىرگۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2013 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەت چىقىرىپ، جەمئىيەت كاپىتالى كۈتۈنۈش بازىرىغا كىرگۈزۈلگەنلەرنى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى ياردەم تولۇقلىمىسى، تىجارەت ياردەم تولۇقلىمىسى، باج ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، سۇ، توك، گاز، پار پۇللىرىدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن قىلدى. جەمئىيەت كاپىتالى «ئېقىن سۈيى»نىڭ كىرگۈزۈلۈشى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ياشانغانلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

مەركەزلىك بېقىش

ئىقتىدارىدىن قالغانلارنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىقتىدارى بارلارنىڭ ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىش

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتە، لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسىدىكى يېزا بەخت چوڭ قورۇسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، قەمەرخان ئايۇپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىرنەچچە ياشانغان كىشى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئىللىق قۇياش نۇرى يېقىملىق كۈلكە ساداسىغا جور بولۇپ، چاسا قورۇنىڭ ھەممە يېرىنى ئىللىتقانىدى.

«بۇ يەردە، مەن بەختنىڭ تەمىنى تېتىدىم.» 85 ياشلىق قەمەرخان مۇنداق دېدى: بەخت چوڭ قورۇسىدىكى ھەربىر ئۆيدە ئايرىم تازىلىق ئۆيى، سىنلىق تېلېۋىزور، توكلۇق سۇ ئىسسىتقۇچ قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئاغرىپ قالساق كېسىلىمىزنى كۆرىدىغانلار، ئۈچ ۋاق تامىقىمىزنى ئېتىپ بېرىدىغانلار، كىيىملىرىمىز مەينەت بولۇپ كەتسە يۇيۇپ بېرىدىغانلار بار، «ھەربىر كۈنىمىز شۇنداق ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ».

«باشقىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولغاندەك ۋاپادار بولۇش» ئاددىي پۇقرالارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى گۈزەل ئارزۇسى؛ ھەممە ئادەمنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

2017 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش تۈزۈمىنى ئورناتتى، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارزۇسى بار «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتى%98كە يەتتى، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش نىسبىتى %93.7كە يەتتى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «يېزا بەخت چوڭ قورۇسى قۇرۇپ قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ناھىيەدە 60 كۈن ئىچىدە 207 يېزا بەخت چوڭ قورۇسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. يېزا بەخت چوڭ قورۇسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا يالغۇز تۇرىدىغانلار، قارىغۇچىسى يوقلار، ئۆيدە قالغانلار، ياشىنىپ قالغانلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى.

قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى خۇمدان كەنتىدىكى ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىدا 80 ياشلىق ياسىن غازى مۇخبىرغا بىر ھېسابات قىلىپ بەردى، ئۇ ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئوغلى، كېلىنى خاتىرجەم ھالدا سىرتقا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىققان، يېرىم يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان، ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، بېيىشىدىنمۇ ئۈمىد تۇغۇلغان.

ئىقتىدارىدىن قالغانلارنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن ئىقتىدارى بارلارنىڭ ئىقتىدارىنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئېزىز ئابدۇرېشىت مۇنداق قارىدى: ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە كۈتۈنۈش خىزمىتىنى ئىشلەشتىكى نىشانلارنىڭ بىرى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. نۆۋەتتە، قاراقاش ناھىيەسى ناھىيەدە مەركىزىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى بولۇش، يېزا - بازارلاردا يېزا بەخت چوڭ قورۇسى بولۇش، كەنتلەردە ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك كۈتۈنۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى خاتىرجەم ھالدا پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى

«يەسلىگە كىرەلەش»تىن «ياخشى يەسلىگە كىرىش»كىچە

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق مى زەييىڭنىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى تۇنجى قېتىم لېدوۋدوۋ نەنخۇ يېڭى ئەسىر يەسلىسىگە ئېلىپ بېرىپ ھېس قىلغان چاغدىكى مەنزىرە ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. چۈشتىن بۇرۇن بالام شادلىق دۇنياسىغا غەرق بولدى، قايتىدىغان چاغدا ئۇ بۇ رەڭگارەڭ ئۈچ قەۋەتلىك بىنانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئاپا، مەن بۇ يەسلىنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى.

ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، بالىسى يەسلىگە كىرىپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇقراۋى يەسلىلەرگە قارىتىلغان ياخشى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولغانىدى. «بالام تۇرۇۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1 - دەرىجىلىك يەسلىنىڭ ھەر ئايلىق يەسلى ھەققى 400 يۈەن، تاماق پۇلى كۈن بويىچە ھېسابلىنىدۇ، كۈنلۈك <ئۈچ ۋاق تاماق، ئىككى ۋاق ئۇششاق يېمەكلىك> ھەققى پەقەت 15 يۈەن، بىر ئايدا تولۇق بارسا ئاران 700 نەچچە يۈەن خەجلەيمىز» دېدى مى زەييىڭ.

ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار قوش تىل يەسلىسى بويىچە «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش»، يېزا يەسلىسىگە «كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەسلى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەرلەردىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بايلىقى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يەسلى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بايلىقىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟ 2019 - يىلى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 40 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىن ئىككىنى يېڭىدىن قۇردى، يەنە 1 مىليون 290 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بورتالا شەھىرىدىكى پۇقراۋى يەسلىدىن ئۈچنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇقراۋى يەسلى قىلىپ قۇرۇپ، 700دىن ئارتۇق بالىنى مەنپەئەتلەندۈردى. ھازىرغا قەدەر، بۇ ئوبلاستتا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلەرنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %95كە يېتىپ، «يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش، يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

«ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى». بورتالا شەھىرىدىكى بېيلېي يەسلىسىنىڭ يەسلى باشلىقى لى جىرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بورتالا شەھەرلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مۇسابىقىسىدە، بۇ يەسلىدىكى ئۈچ ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قاتتىق دېتال ئاساس، ئوقۇتقۇچىلار مۇھىم ھالقا. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىدىن جەمئىي 44 مىڭ 300نى قوبۇل قىلدى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سانى تولۇقلاندى، قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتى.

«ھازىر ھەربىر سىنىپقا ئىككى ئوقۇتقۇچى، بىر بالا تەربىيەچىسى سەپلەندى، بالىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىدىكى ھەربىر ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىدىن ئوبدان خەۋەر ئالغاندىلا، بالىلار يەسلىدە ناھايىتى خۇشال ئۆتەلەيدۇ.» گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرىدىكى چىجوۋ يەسلىسىنىڭ يەسلى باشلىقى پاتىگۈل ئابلىكىم مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ يەسلى باشلىقلىرى قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش، قوش يۆنىلىشتە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلۇپ ئورتاق بەھرىلەندۈرۈلۈپ، شەھەر، يېزا مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك مەنپەئەتدارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ھەم دۆلەتنىڭ تەلىپى، ھەم پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەسلى 7416گە، يەسلىدىكى بالىلار 1 مىليون 427 مىڭ 800گە يېتىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئۈچ يىللىق مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.51كە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلەرنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %89.34كە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %86.33كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2020 - يىلىغا بارغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %85، %80، %50كە يەتكۈزۈش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

«ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش»تىن ئىبارەت بىر سىزىق بىر سىزىقتىن سىزىپ چىقىلغان بەختلىك خەلق تۇرمۇشىنىڭ بۇ يېڭى يۆگىمە رەسىمى ھاللىق تۇرمۇشنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «ياشانغانلار، بالىلار»نى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئائىلىلەرنىڭ ئەندىشىسى بولغان بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كۈلكىسىنى تېخىمۇ تاتلىق، كۈنلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ