9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى سۈنجېن بازىرى يۈخې كەنتىدىكى جىڭجۈ ئۆستۈرۈش بازىسىدا دېھقان ۋېي يوۋيۈن جۈخار گۈلى ئۈزمەكتە. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
خەلق تورى، جىنەن، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى: ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زوۋپىڭ شەھىرى خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇل پەسلىنى خۇشال-خورام كۈتۈۋالدى. دېھقانلار بەس-بەستە كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى سۈنجېن بازىرى يۈخې كەنتىدىكى جىڭجۈ ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دېھقان خو فاڭدې قۇرۇتۇلغان جۈخار گۈللىرىنى رەتلىمەكتە. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى سۈنجېن بازىرى داسەن كەنتى جىنخۇا ئاپتاپپەرىسى ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دېھقانلار مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزمەكتە. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى جيۇخۇ بازىرىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇل چوڭ بازىرىدا يىغىۋالغان كۆممىقوناق سورتلىرىنى كۆرگەزمە قىلماقتا. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى جيۇخۇ بازىرىدىكى بىر دېھقان مول ھوسۇل چوڭ بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتماقتا. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 17-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى چاڭشەن بازىرى داگۇڭ كەنتىدىكى دېھقانلار شەنياۋدىن ھوسۇل ئالماقتا. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى تەيزى بازىرىدىكى خۇاڭخې خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكولوگىيە باغچىسىدا، دېھقانلار شۆيگوئوۋدىن ھوسۇل ئالدى. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى تەيزى بازىرى يەنخۇاڭ رايونىنىڭ 10 چاقىرىملىق مېۋە كارىدورىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش بازىسىدا، باغۋەنلەر ھوسۇل ئالغان ئەنجۈرلەرنى كۆرسەتمەكتە. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 17-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى چاڭشەن بازىرى داگۇڭ كەنتىدىكى دېھقانلار شەنياۋدىن ھوسۇل ئالماقتا. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زوۋپىڭ شەھىرى سۈنجېن بازىرى داسەن كەنتى جىنخۇا ئاپتاپپەرىسى تېرىش بازىسىدا، دېھقانلار مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزمەكتە. (دۇڭ نەيدې فوتوسى)