تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلدى

خوتەن ۋىلايىتى:

كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خالىغان بىر يېزا - كەنتىگە بارسىڭىز، يوللارنىڭ تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقانلىقىنى، ھويلا - ئارانلارنىڭ پاكىزلىقىنى، چىرايلىقلىقىنى، رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ كەنت - مەھەللىلەرنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنلىكىنى، پىشقان مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقىنىڭ ئەتراپنى بىر ئالغانلىقىنى... ھەممىلا يەردە كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى ئەكس ئەتكەنلىكىنى كۆرىسىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىدىكىدىن 33 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، نامرات نوپۇس 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 984 مىڭ 100 ئادەمدىن بۈگۈنكى كۈندىكى 76 مىڭ 900 ئادەمگە ئازىيىپ، جەمئىي 988 كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى.

دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ھەممە ئادەم يۈگۈردى

خوتەن ۋىلايىتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى مەملىكەت بويىچە 334 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ئىچىدە ئاخىرقى ئورۇندا تۇرىدۇ، رايون ۋە ئىقتىسادقا تەۋە «قوش يېگانە ئارال» بولۇپ، يېزىلارنىڭ نامراتلىق دائىرىسى كەڭ، مىقدارى چوڭ، دەرىجىسى چوڭقۇر.

پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى جەزمەن سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈگۈرۈپ، نامراتلىق قورغىنىغا بىرمۇبىر ھۇجۇم قىلىشى كېرەك.

«مەن ئىلگىرى يەر تېرىشنىلا بىلەتتىم، كۈنلىرىم ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى. ھۆكۈمەت بىزنىڭ ئۆيگە كۆپ قېتىم كادىر ئەۋەتىپ، مەندىن نېمە قىلىشنى بىلىدىغانلىقىمنى، نېمە قىلالايدىغانلىقىمنى، نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى سورىدى، مەن كەنتتىكى قارا توخۇ چۈجىسى يېتىشتۈرۈشنى ھۆددىگە ئالدىم، كۈنلىرىم كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرى سىكىداشمان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇمەرەمخان مەتتۇردى.

خوتەندە ھەربىر ياردەم بەرگۈچى - يۆلىگۈچى كادىرنىڭ كۆڭلىدە بىر ئېنىق ھېسابات بار: قايسى ئائىلىنىڭ قانچىلىك ئەمگەك كۈچى بار، قايسى ئائىلىنىڭ باقمىچىلىق ئەۋزەللىكى بار، قايسى ئائىلە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە موھتاج... ئۇلار مۇنداق دېدى: پەقەت ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دەل، توغرا ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ياردەم بېرىش - يۆلەشنى دەل جايىدا قىلغىلى بولىدۇ، «كېسەلگە قاراپ دورا بەرگىلى» بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى مەسئۇلىيەت، سىياسەت، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى خىرە نۇقتا ۋە قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، مۇكەممەل بولغان تۆت دەرىجىلىك نامرات نوپۇس ئۇچۇر ماتېرىيال ئامبىرى قۇردى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت سىستېمىسى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» بويىچە نۆللەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. 2020 - يىلى ۋىلايەت، ناھىيەلەر ۋىۋىسكا ئېسىپ كەنتلەرگىچە جەڭ قىلىپ، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر، بىر ئادەمگە بىر ئىش ئورنى بولۇشنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىرمۇ ئائىلە چۈشۈپ قالماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تۈرلۈك قاراتمىلىق تەدبىرلەر نامرات ئاممىنىڭ «كېسەل يىلتىزى»نى نىشانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ خوتەندە دەل جايىدا بولۇشىغا، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

نامرات ئاھالىلەرنىڭ «ھەميېنى» تومپايدى

«بۇ 100 توشقان يەنە يېرىم ئايدىن كېيىن كاتەكتىن چىقىدۇ!» ھەر كۈنى سەھەردە، قاراقاش ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسى قۇميايلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەرەم ئابدۇرامان ئارقا ھويلىسىدىكى قاما توشقان باقمىچىلىق ئۆيىگە بېرىپ توشقان كاتىكىنى تازىلايدۇ، «2017 - يىلى مەن يەنىلا نامرات ئاھالە ئىدىم، بۇلتۇر قاما توشقىنى باقتۇق، ئېرىمنىڭ يەنە ئېتىز باشقۇرۇش خىزمىتى بار بولدى، شۇ يىلىلا بىز نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدۇق!»

«كەسىپنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش» ئومۇمىي تەپەككۇرى بويىچە، خوتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەر ئارقىلىق، باشلامچى كارخانىلارنى كەنتلەرگە كېڭەيتىپ، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈپ كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك كەسىپنى پۈتۈن قاپلاش، ھەممە ئائىلە پايدا ئېلىشنى پۈتۈن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھەممە كەنتتە كەسىپ بار بولدى، ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمى بار بولدى. «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىدا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتتە ھەمراھ زاۋۇت بولۇش، ئائىلىدە ھۈنەرخانا بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى چۆرىدەپ، خوتەن ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەمئىي 900دىن ئارتۇق چاچ بۇيۇملىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، 893 نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇردى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيلىرىدىن چىقىپ زاۋۇتلارغا كىردى، بۇنىڭ بىلەن 257 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

خوتەننىڭ ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئەۋزەللىككە ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ئۆزگىچە باغ - ئورمان، كۆكتات، ھويلا - ئاران ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە «تۆت 400 مىڭ مو + 100 مىڭ مو» كۆلەمنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات كەنتلەرنىڭ يېتەكچى كەسپى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان تۈرلىرىنى پۈتۈن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يۈزمىڭ، مىليون، ئون مىليون» دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپ توپلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 500 مىڭغا يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۆۋەتتە، ۋىلايەت بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە بىردىن يېتەكچى كەسىپ، بىردىن ئادەم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر - بىرىگە تىرەك بولىدىغان «قوش كاپالەت» شەكىللەندۈرۈلدى.

ماھارەت بويىچە تەربىيەلەندى

ئاممىنىڭ بېيىش ئىشەنچى تولۇق ئاشتى

«بۈگۈن يېڭى كۆكتاتلار ئەڭ تېز سېتىلدى!» 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى قاراڭغۇ تاغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنبانۇ قادىر بىر تەرەپتىن كۆكتات تاللاش، كۆكتات يۇيۇش بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن مالاتاڭ قاينىتىش بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

2019 - يىلى، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى شۈ جىلىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، بىر يىلدا بىرنەچچە قېتىممۇ تاغدىن چىقالمايدىغان ئائىلە ئايالى تۇرسۇنبانۇ خوتەن ناھىيەسىگە كېلىپ ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئۆگىنىپ كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ مالاتاڭ سودىسى قىلىپ، تۇنجى ئايدىلا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

نامرات ئاممىنىڭ ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى «نامراتلارنى يۆلەش + ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش +ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى تەربىيەلەش +كارخانا ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت «قوش تەربىيەلەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى، كەپشەرلەش قاتارلىق 37 تەربىيەلەش كەسپىنى تەسىس قىلىپ، نامرات ئاممىنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، ھەربىر نامرات ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئەمگەكچىنىڭ بىر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شۇ يەردىكى كارخانىلارنى ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈلگەن خادىملارنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

بارغانسېرى كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچى ماھارەتكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىگە تېخىمۇ ئىگە بولدى.

«بۇرۇن كىرىمىم تۆۋەن ئىدى، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇش ئارقىلىق مەن ھازىر زاۋۇتتىكى <ئالتۇن مېداللىق رېمونتچى> بولدۇم، بىنا ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، تۇرمۇشۇم ناھايىتى بەختلىك!» 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزىسى توپچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇخەبەر ئابدۇكېرىم تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: ماھارەتكە ئىگە بولۇپ بېيىش ئىشەنچىم ئاشتى.

قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «بىر تاختا شاھمات»بولۇپ، «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكى، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىلگىرى ئېتىزدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان دېھقان - چارۋىچىلار تەدرىجىي ھالدا بىر خىل ماھارەت ئىگىلىگەن سانائەت ئىشچىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىلگىرىكى مەينەت، قالايمىقان، قالاق نامرات كەنت گۈزەل يېڭى كەنتكە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، خوتەندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ئۆزگەردى، نەزەردائىرىسى كېڭەيدى، قانۇن ئېڭى يېتىلدى، ئەمگەك ماھارىتى ئۆستى، ئۇلار گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ