تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

【نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 52 ناھىيەگە سەپەر】 «نان شياۋشۇەي» بېيىشتىكى چوڭ كەسىپكە ئايلاندى

   تىيانشان تورى خەۋىرى«ئىسمىم ئاسىمگۈل ھەسەن، ئىلگىرى ئۆيدە دېھقانچىلىق قىلاتتىم، بۇلتۇر بۇ يەرگە نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ تىزىملاتتىم، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئىش ئورنىغا چىقتىم، ھازىر كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتىمەن، بىر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن!»

  9-ئاينىڭ 18-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئاسىمگۈل ھەسەن مۇخبىرلارغا شۇنداق دېدى. ئۇ بۇ يىل 25 ياشقا كىردى، ئائىلىسىدە تۆت جان بار، ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ كىرىم مەنبەسىدە ئاساسلىقى كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلاتتى، كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدى، كەسىپلەر باغچىسىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ھازىر ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  نان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ياخشى كۆرىدىغان ئاساسلىق ئۇن تاماقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. «نان شياۋشۇەي» قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلغان سودا ماركىسى. 2019-يىلى پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، 80 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، «نانچىلىق كەسپى ماھارەت تەربىيەسى + نامراتلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساياھەت قىلىش» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، كۆلىمى 274 مو كېلىدىغان مۇردا كارخانىنى جانلاندۇرۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، «نان شياۋشۇەي» ماركىسى پىرەنىك نان، گۈلقەنت نان، مېغىزلىق سامسا، قاتلىما نان، قايماقلىق نان قاتارلىق 120 نەچچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھازىر نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا 402 تونۇر بار ئىكەن، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 500 مىڭ نانغا، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىش مىقدارى 300 مىڭغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ جايدا سېتىلىدىغىنى 180 مىڭغا، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە سېتىلىدىغىنى 20 مىڭغا، توردا زاكاز قىلىنىدىغىنى 30 مىڭغا، ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە سېتىلىدىغىنى 70 مىڭغا يېتىدىكەن.

  مۇخبىرلار نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئېكىسكۇرسىيە رايونى، سىناپ بېقىش رايونىدىن باشقا، يەنە نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى بارلىقىنى، نان سېتىۋالغىلى ۋە ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ناننىڭ «ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى»نى چۈشىنىپلا قالماي، ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كۆرۈپ، نان يېقىشنى سىناپ باقالايدىغىنىنى كۆردى. نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  «بىزنىڭ بۇ يەردە 1200 خىزمەتچى بار، ئۇلار ئاساسلىقى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىن كەلگەن ئامما، بۇنىڭ ئىچىدە 696سى نامرات ئاھالە، 266سى ئايال خىزمەتچى. خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ماھارىتى مەخسۇس باھالاپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئىش ئورنىغا چىقىدۇ. ھازىر خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 2500 يۈەنگە، ئەڭ يۇقىرى مائاشى 5000 يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى باغچە رايوننىڭ مەسئۇلى ما جۈن مۇخبىرلارغا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ