بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ بىڭبىڭ خەۋىرى): «بۇ يىل 15 مو يەرگە شياخېي ئۈزۈمى تېرىپ، تيەنيىچېڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 35 توننا ئەتراپىدا سېتىپ، 124 مىڭ يۈەن نەقلەشكەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن سېتىلىش باھاسى يامان ئەمەس بولدى». 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، 5-شى 81-تۇەن 3-ليەننىڭ خىزمەتچىسى ليۇ جاۋسەي مۇخبىرغا نەقلەشكەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ يىل ئۈزۈم يىغىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن، 81-تۇەندىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلەرنى يېڭىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن تۇەندىكىلەر 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئۈزۈم ساتتى، ھۆل ئۈزۈملەر ئارقا-ئارقىدىن گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، يۈننەن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇلدى، بىر قىسمى تايلاندقا ئېكسپورت قىلىندى.
ئۈزۈم سېتىۋېلىش جەريانىدا، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈزۈش، سېتىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۈزۈم سېتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر، 81-تۇەن تېرىغان 16 مىڭ 700 مو ئۈزۈمنى سېتىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ قالغان، بۇ تۇەن تور سۇپىسى ئارقىلىق ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن سودىگەرنى ئۈزۈم سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلغان. 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، 81-تۇەن جەمئىي 100دىن ئارتۇق ئۈزۈم سودىگىرىنى نۇقتىدىن-نۇقتىغا توشۇغان، ئۈزۈم توشۇش ئاپتوموبىلى 530دىن ئاشقان.