تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

9-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پەرق سوممىسى تۇتۇپ قېلىنىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ما بېي): ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار دىققەت! 2020-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەر ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭى ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە شۇ ئايلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 9-ئايدا، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە ئاساسىي سان پەرق سوممىسى تۈركۈم بويىچە تۇتۇپ قېلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار يېتەرلىك سوممىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كارتىدا ساقلاپ، تۇتۇپ قېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىناتتىن نورمال بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

    9-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى ئىدارىلەردە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ  يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 68 مىڭ 861 يۈەن، ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 5738 يۈەن بولغان. 2020-يىلى، شەخىسنىڭ سوغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سان تۆۋەن چېكىدە 2019-يىلىدىكى شەخىسنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سان تۆۋەن چەك ئۆلچىمى(ھەر ئايدا 3235 يۈەن) داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىكەن، شەخىسنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سان يۇقىرى چېكى 2019-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە مائاش 5738 يۈەننىڭ %300ى (ھەر ئايدا 17 مىڭ 214 يۈەن) بويىچە تەڭشىلىدىكەن.

    بۇ يىل، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاساسىي ساننىڭ %60ى(3235 يۈەن)دىن %300(17 مىڭ 214 يۈەن)گىچە بولغان ئارىلىقتا ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سان ئۆلچىمىنى تاللىسا بولىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تاللىغان ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سان ئۆلچىمىنىڭ %20ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، سوممىسى ھەر ئايدا 647 يۈەندىن ھەر ئايدا 3442.8 يۈەن ئارىلىقىدا بولىدۇ.

    يېڭى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، 2020-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە ئاساسىي ساندا پەرق كېلىپ چىقىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى 2020-يىلى 9-ئايدا ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سان پەرق سوممىسىنى تۈركۈم بويىچە تۇتۇپ قېلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەن. 10-ئايدا يەنە داۋاملىق ئىككى قېتىم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سان پەرق سوممىسىنى تولۇقلاپ تۇتۇپ قېلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆزئارا خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشىنى ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش كۈنىدىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كارتىدا يېتەرلىك ساقلاپ، تۇتۇپ قېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىناتتىن نورمال بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار «APP «新疆智慧人社سى ئارقىلىق ياكى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە بېرىپ، ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى تاللىسا بولىدۇ.

  ئەسكەرتىش:

  1. بۇ يىل ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى تاللاشقا ئېھتىياجلىق يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار يۇقىرىدىكى جەدۋەلدىكى %60تىن %300كىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، شۇ ئايلىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سومما ياكى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان تولۇقلاپ تاپشۇرۇش سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان بانكا كارتا ھېساباتىغا بىراقلا سېلىپ ساقلىشى كېرەك.

  2. ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى تاللاش:  «APP «新疆智慧人社سىنى ئالدىن تاللاپ ئىشلەتسە ياكى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە بېرىپ تاللىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ