قىزىلسۇ ئوبلاستى:
چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى گۈللەندۈردى
[ئىستون سۆزى]
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، بىر قاتار شەھەرلەر ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، ھەر بىر ناھىيە بازىرى، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ گۈزەللەشتى، ئامما ئېھتىياجلىق بولغان، ئۈمىد قىلغان خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلار تېزدىن ئەمەلىيلەشتى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بەختلىك ئۆزگىرىشلەر ئەڭ گۈزەل دەۋر ھېكايىسىگە ئايلانماقتا.
يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەھەر، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، فوتو ئاپپاراتى ۋە قەلىمى ئارقىلىق ئاددىي پۇقرالار ۋە يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشتىكى جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ھېكايىلىرىنى خاتىرىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى.
بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بويىچە <100 شەھەر، 1000 ناھىيە، 10 مىڭ كەنتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى>» ئىستونى ئېچىپ، ھەر مىللەت ئامما گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇۋاتقان، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقان جانلىق ئەمەلىيەتنى نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاجايىپ مۇساپىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن
ئازادە، يورۇق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، جۈمەكنى ئاچسىلا ھەر ۋاقىت تۇرۇبا سۈيى بار، بىر كۈن ئالدىراش ئىشلەپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايدۇ، تەبىئىي گازنى ئاچسىلا تاماق ئېتەلەيدۇ، قىشتا ئۆيدىكى پار بىلەن قىشنى راھەت ئۆتكۈزەلەيدۇ... باشقا جايدىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ سىلۇجيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ چارۋىچىلىق رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئابدۇرازاق ئابلىكىم تۇرمۇشىنىڭ بۇنداق راھەتتە ئۆتۈشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆلىمى 72 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تاغلىق يەر كۆلىمى %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. «ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار تاغدىكى كىگىز ئۆيلەردىن تاغ ئاستىدىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا كۆچۈپ كەلدى، تۇرمۇش مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىندى.
ئۆي كۆچۈش تۇرمۇشنى تېخىمۇ ئىللىق قىلدى
تاغ ئارىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئاسمان - زېمىن كېڭەيدى.
كۆچۈشتىن بۇرۇن، ئابدۇرازاققا ئوخشاش چارۋىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى چەت - ياقا، ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايونلاردا ياشايتتى، ئەڭ يىراق يېزا - بازارنىڭ ئارىلىقى ناھىيە بازىرىغا 400 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بىر قېتىم تاغدىن چۈشۈشكە نەچچە كۈن كېتەتتى، بەزى ياشانغانلار ئۆمۈر بويى تاغدىن چۈشۈپ باقمىغانىدى. ئۇ چاغلاردا مال سېتىۋېلىش، داۋالىنىش ناھايىتى قولايسىز بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس ئىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى «بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى باقالماسلىق»تەك قىيىن مەسىلىگە قارىتا، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، 28 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، 115 مىڭ 500 چارۋىچى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، تاغ ئىچكىرىسىدىن شەھەر - بازارلاردىكى مەھەللىلەرگە كۆچۈپ كەلدى. تۇرۇشلۇق جايدا يول قاتتىقلاشتۇرۇلغان، كەنت كۆكەرتىلگەن، ھويلا - ئاران پاكىزلاشقان، مۇھىت گۈزەللەشكەن بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپلا قالماي، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ، مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق سەپلەنگەنىدى.
«ھازىر، ئىشىكتىن چىقساقلا ئىشقا ئورۇنلىشالايمىز، بالىلىرىمىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇيالايدۇ، كېسەل كۆرسىتىشىمىز، مال سېتىۋېلىشىمىزمۇ ناھايىتى قولايلاشتى، ئىشىك ئالدىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىدىن تۈرلۈك تاۋارلارنى سېتىۋالالايمىز.» تاماقتىن كېيىن ئاقتۇ ناھىيەسى كۇنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا سەيلە قىلىۋاتقان مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى مەمەتئەيسا ھەيداخۇن مۇنداق دېدى: «مەھەللە يەنە دائىم بەزى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىدۇ».
ئۆزگىرىش كەسىپلەرنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى
«كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش»، يەنە «مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش» كېرەك.
مۇرات جاپپار سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەشنى تاللىدى. باقمىچىلىق مەيدان - ئورنى ئۆلچەملىك، ئىلغار بولۇپ، ئۆزىنىڭ كونا كەسپىنى قىلغان مۇرات ھەر ئايدا ۋاقتىدا 3000 يۈەن مۇقىم مائاش ئالالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى.
كۆپلىگەن چارۋىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش، چارۋا بورداقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ۋاكالىتەن بېقىلىۋاتقان چارۋىلارنى بىرتۇتاش بورداپ، ئىلمىيلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ چارۋىچىلارغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇش يېڭى يوللىرىنى سىناپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
ئىلگىرى كۆكتاتنىمۇ ناھايىتى ئاز يېيەلەيدىغان نۇرجان سىكىلەك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ كۆكتات تېرىشقا تايىنىپ ھەميېنىنى تومپايتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى ئارساي ئولتۇراق رايونىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، تۈرلۈك تەربىيەلەشلەر نۇرجاننىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈردى، ئىزچىل چارۋا بېقىشنى ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبە قىلغان ئۇ تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارنىكقا كىرىپ، كۆكتات تەتقىق قىلىشنى باشلىدى.
«بۇ يىل مەن چىڭسەي تېرىدىم، ياخشى پەرۋىش قىلسام بىر يىلدا ئۈچ قېتىم يىغىۋالالايمەن، بىر يىللىق كىرىمىم 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. باقمىچىلىقتىن قىلغان كىرىمىمنى قوشقاندا، بىر يىللىق كىرىمىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» يېڭى تېخنىكا ئىگىلىگەن نۇرجاننىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دېگەن بۇ سالاھىيىتى كونا ئۆيى بىلەن بىللە ئەسلىمىلەر ئىچىدە قالدى.
تەرەققىيات كىرىمنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەگە ئىگە قىلدى
«چارۋىچىلىق»تىن «كەسىپ» ئالماشتۇرغاندىلا، چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تورغات نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، تۇرغۇنئالى تۇرسۇن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، خوتۇنى ئائىلە ئايالىدىن يەككە تىجارەتچىگە ئايلاندى، ئىككىسىنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىنى قوشقاندا 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇ كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى بىر يىللىق كىرىمىگە باراۋەر ئىدى.
ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ساپارباي يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە گۈلخان تۇرسۇنئالى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئېرى بىلەن ئىشىكى ئالدىدا بىر بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ئاچتى، ئېرى بېزەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى، ئۇ دۇكاندا كەشتىچىلىك ۋە تىككۈچىلىك قىلىپ، ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولدى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئازراقمۇ تەسىر يەتكۈزمىدى، گۈلخاننىڭ قارىشىچە بۇ ھەتتا شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ياخشى ئىدى.
كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى بۇ دېھقان - چارۋىچىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قىزىلسۇ ئوبلاستى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ رايون ئورنى ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆز شارائىتىنى تولۇق ئويلىشىپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە دېھقانچىلىق قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە چارۋىچىلىق قىلدۇرۇپ، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللاندۇرۇپ، سودا قىلىشقا ماس كەلسە سودا قىلدۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنىڭ «ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولى بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، تەرەققىياتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ھەرقايسى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش - يۆلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق يۆلەش تەدبىرلىرى كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىشچى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى، يەككە تىجارەتچىگە ئايلاندۇردى، چارۋىچىلار ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ ئۆزىگە تەۋە يېڭى تۇرمۇشنى ياراتماقتا.