تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەلى نىياز: لېي فېڭ روھىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا چاقنىتىمەن

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى لىن): 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12:00دە ئەلى نىيازنى كۆرگەندە، ئۇ ئەمدىلا شۇ كۈندىكى توققۇزىنچى يولۇچىنى مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قويغانىدى. ئاپتوموبىل ئىچىدە سۇس دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى بار ئىدى، ئەلىنىڭ يېنىغا بىر تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى قويۇلغانىدى. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن بۇيان، ئاپتوموبىلغا چىققاندا ئالدى بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۇنىڭ يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تەرتىپى بولۇپ قالدى.

  ئەلى شىنجاڭ ساياھەت تاكسى ئاپتوموبىلى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. ئىلگىرى، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئەلى نۇرغۇن سەبداشلىرىغا ئوخشاش بىرىنچى بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە تىزىملاتتى.

  ئەلى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدە تۇراتتى. دەسلەپتە، ئۇ مەھەللە كادىرلىرىغا ياردەملىشىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق نىڭشياگاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىنا، بەش دەنيۈەندىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى، پىدائىيلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، پىدائىيلىق خىزمىتىدە ئېنىق ئىش تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، شۇنداقلا بارغانسېرى ئىنچىكىلەشتى، ئۇ بىر دەنيۈەندىكى 22 ئائىلىلىك ئاھالىگە مۇقىم مۇلازىمەت قىلدى.

  ھەر كۈنى سائەت 10:00دا، ئەلىنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمەت خىزمىتى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەخلەت يىغىشتىن باشلىناتتى، بىر كۈندە يىغقان ئەخلەت ئاز دېگەندە 10 كىلوگرام كېلەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە 20 كىلوگىرام دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان تۇڭنى يۈدۈپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان كارىدور ۋە يول يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرەتتى. ئۇ مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرەتتى، ئۇ ھەر قېتىم ئىنتايىن تەرلەپ سۇ بولۇپ كېتەتتى.

  ئەلى يان تېلېفونىنى ئېچىپ، مۇخبىرغا بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتى. كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ ئىزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، قارىماققا ھۆل بولۇپ پۇرلىشىپ كەتكەن چاچتىن يەنە تەر ئېقىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

  دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، ئىشىك ئالدىغىچە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، ئېھتىياج بولسىلا پىدائىيلار ھەر ۋاقىت مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئەلى مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ مەخسۇس ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ ۋېيشىن توپىدىكى سېتىۋېلىش تالونىنى ئايرىش، نەرسە-كېرەكنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ھېسابات قىلىش، ماددىي بۇيۇملارنى تەقسىم قىلىشنىڭ ئۆزىگىلا بىر سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. پىدائىيلىق مۇلازىمىتى خىزمىتى ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم. ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش، بۇلار كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى.

  ئەلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي، 1994-يىلى قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقاندا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ خىزمەت جەريانىدا ھەممە جايدا ئۈلگە بولۇپ، لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللىگەن تۈرلۈك پىدائىيلىق مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرگە ئاپىرىپ-ئەكىلىش مۇلازىمىتى قىلدى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ ياشانغانلارنى يوقلىدى، بالىلار كەنتىگە بېرىپ يېتىم بالىلارنى يوقلىدى، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان يولۇچىلارنى ھەقسىز توشۇدى، يەنە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قولىنى سۇندى.

  «باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلسا، ئۆزى راھەت ھېس قىلىدۇ» دېدى ئەلى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇنىڭ ئەڭ مەمنۇن بولغىنى، ئۇنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئاھالىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ئۇ ئاھالىلەر بىلەن تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى. ئۇ خىزمەت سەۋەبىدىن ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىپ، ئادەتتە ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن ئىنتايىن ئاز پىكىر ئالماشتۇراتتى. پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ھازىر نۇرغۇن ئاھالە ئۇنى كۆرسىلا يىراقتىن سالام قىلىدىغان بولدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قەلبى ئىنتايىن ئىللىقلىققا تولدى.

  ھازىر، ئەلى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا يولۇچىلارنى مەنزىلىگە بىخەتەر يەتكۈزمەكتە، ئۇ داۋاملىق لېي فېڭ روھىنى بۇ شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە چاچماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ