تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى!

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دوۋ شىڭجۈن خەۋىرى، فوتوسى، سىنى) 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30دا، مۇخبىرلىرىمىز نەق مەيدانغا كېلىپ، يېمەك-ئىچمەك، قۇرۇق يەل-يېمىش، كىيىم-كېچەك، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق يول بويىدىكى قىسمەن دۇكانلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى بويىچە چوڭ تازىلاش، شۇنداقلا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسىسى ماللارنى بەس-بەستە تىزىپ، خېرىدارلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا.

  نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونىدا 700دىن ئارتۇق دۇكان ئېچىلىپ تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۇكانلاردا ماللار تولۇق.

  «دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، دۇكىنىمىزنى رەسمىي ئېچىپ تىجارەت باشلىدۇق، ناھايىتى خۇشال بولدۇق، دۇكاننى ئېچىپ ئىككى سائەت بولمايلا، 300 نەچچە يۈەنلىك مەھسۇلات ساتتىم، كېيىن ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، تىجارەت سوممىسىنىڭ ناھايىتى تېز ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇنىڭغا ئىشەنچىم بار.» پىيادىلەر كوچىسىدىكى «يايلاق چارۋىچىلىق مەيدانى سۈت مەھسۇلاتلىرى» دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى ما پىڭ شۇنداق دېدى.

   مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  سائەت 11:30دا، پىيادىلەر كوچىسىدا ساياھەتچىلەر بارا-بارا كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، چامادانىنى سۆرەپ سەيلە قىلىپ يۈرگەن ئىچكىرى رايوندىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاز ئەمەس ئىدى.

   9-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەنلىك ساياھەتچى جاڭ چاڭشىڭ(ئوڭدا) ۋە دوستى مەنزىرە رايونىدا ئۆيىدىكىلىرىگە سوۋغاتلىق تاللىماقتا.

  لياۋنىڭدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كوماندىروپكىغا كەلگەن خۇاڭ يەنخۇي شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا ئىدى، ئوماق چىمەن دوپپا، ئۆزگىچە يۇڭ ئەدىيال ئاسما رەسىم، ھەر بىر يايما ئورنىدا خۇاڭ يەنخۇينىڭ سىيماسى قالدى. «بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىدىم، دۇكانلارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ كىرىپ ئايلاندىم، ھازىر تېخى بالامغا بىر نەچچە قۇر مىللىيچە خاسلىققا ئىگە كىيىم سېتىۋالدىم، چامادانىم لىققىدە توشۇپ كەتتى، بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى قىزغىن، ماللىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان ئىكەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جايىدا بوپتۇ، مەن ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇم.» خۇاڭ يەنخۇي شۇنداق دېدى.

  «مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، بىز ساياھەتچىلەرگە شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، ماسكا تاقاشنى، ئىشىكتىن كىرگەندە ۋە ئۆچرەت تۇرۇپ ھېسابات قىلغاندا باشقىلار بىلەن 1.5 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاشنى ئەسكەرتىۋاتىمىز. ساياھەت ئۆمەكلىرى بىلەن 24 سائەت بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ، ئادەم ئېقىمىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىۋاتىمىز.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت-ساياھەت چەكلىك شىركىتى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى كوچا رايونىنىڭ دىرېكتورى فاڭ چاۋ شۇنداق دېدى، «نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى خەلقئارا چوڭ بازار، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، چوڭ بازار ئىككىنچى قارار تەرتىپلىك ھالدا تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ، دۇكانلار ئومۇميۈزلۈك چوڭ تازىلىق قىلىپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى.»

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ كۈندىلىك تىجارەت ۋاقتى سائەت 10:30دىن سائەت 23:00كىچە ئىكەن.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى