تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى سەككىز ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60كە يېقىن ئاشتى

ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 66 مىليارد 118 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.83 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلغان. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتى سىجىل ساقلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيەنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشۇش رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنگەن.

بۇ يىل 7 - ئايدا، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 8 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۈلۈپ، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 7 -، 8 - ئايدا سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 22 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 8 - ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 11 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %79.43 ئاشتى.

يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارىنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 18 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %28.28ىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمالى قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىدىن بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقا تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول»دىن ئىبارەت ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، ئەڭ چوڭ سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 16 مىليون 400 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، شىنجاڭ توك مەنبەسى بازىسىنىڭ خۇادۇڭ، خۇاجۇڭ رايونلىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى بىلەن بىۋاسىتە تورلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودا سۇپىسى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئۆستى ھەم ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، توك تارقىتىش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سودا تۈرلىرى تەتقىق قىلىپ ئېچىلىپ، 7 -، 8 - ئايدا جەمئىي 27 تۈركۈم قېتىم بازارلاشتۇرۇش سودىسى تەشكىللىنىپ، 5 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش توختامى تاماملىنىپ، بۇ ئىككى ئايدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ