تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە ئادەم بىردىن ماھارەتكە ئىگە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

«ئىلگىرى مەن ناۋاي ئىدىم، ھازىر مەن <شىنجاڭدىكى نان يېقىش ئۇستىسى> بولدۇم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى قىممىتى بار دەيدىغان بولدى.» يېقىندا، ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدە 200 نەپەر «شىنجاڭدىكى نان يېقىش ئۇستىسى»نى باھالاپ بېكىتتى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى شيەنفېڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەمەت قاۋۇل بۇ تىزىملىككە كىرىپ، ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى بولۇپ باھالاندى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى.

مەمەتنىڭ ناۋايلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 12 يىل بولدى، ماھارىتى ئۆستى، يەنە نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدى. ھازىر، ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 6000 - 5000 يۈەن. «بىر خىل ھۈنەرنى ئىگىلەپ، كۆڭلۈم ناھايىتى خاتىرجەم بولدى. تىرىشىپ ماھارىتىمنى ئۆستۈرسەملا، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشىدۇ» دېدى مەمەت قاۋۇل.

مەمەتكە ئوخشاش نۇرغۇن شىنجاڭلىق بىردىن ماھارەت ئىگىلەش ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن ئائىلىسىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم. ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، زور تۈركۈمدىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ئامما، كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق شەھەر - يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرگە يۈزلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ماھارەتكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماھارەتكە تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، ماھارەتكە تايىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ماھارەت ئىگىلەپ، ھەميېنىمىز بارغانسېرى تومپايدى

«ھازىر بىلىدىغان تېخنىكام كۆپەيدى، تاپىدىغان پۇلۇممۇ كۆپەيدى» دېدى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى فۇشىڭ گىلەمچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى مېھرىگۈل ئابدۇكېرىم.

مېھرىگۈلنىڭ ئۆيى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى توتاي كەنتىدە. ئىشقا يېڭى چۈشكەندە، شىركەت ئۇنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن تەربىيەلىدى، بىرىنچى ئېيىدا، ئۇ 800 يۈەن شاگىرتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدى.

مېھرىگۈل تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىر يىلدىلا ئۈچ تۈرلۈك ئاساسلىق تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالدى، ئايلىق مائاشىمۇ 3500 يۈەنگە ئۆستى. ئۇ يەنە ئېرى ئالىمجان رېشىتنى شىركەتكە كېلىپ ئىشلەپ، ماشىنا رېمونتچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئايدا 8000 - 7000 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، ئۇلار كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، ھەر كۈنى بىللە ئىشقا بارىدىغان بولدى، «ماھارەتكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بىزنى ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى» دېدى مېھرىگۈل خۇشال ھالدا.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لياڭ پىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەش، ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىدىن يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغىچە؛ كارخانىلاردا يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىن شەھەر - يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرنى قاپلىغان كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگىچە، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيدى، مەنپەئەتلەنگۈچى كىشىلەر توپى بارغانسېرى كۆپەيدى.

نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قاتلامغا بۆلۈپ، تۈرگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىدىن ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ئەمگەكچىنىڭ بىردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ئۆگىنىشى، ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 2018 - يىلىدىن بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدىن جەمئىي 612 مىڭ 400 ئادەم قېتىمنى تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 515 مىڭ 500 ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى.

بىرسىگە بېلىق بەرسەڭ، ئۈچ ۋاق تاماققا يېتەر؛ بېلىق تۇتۇش ماھارىتىنى ئۆگەتسەڭ، بىر ئۆمۈر ئەسقاتار. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ماھارەتكە تايىنىپ جان بېقىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. مەريەم ئېمەر ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ تەجرىبە خادىمى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان يىپنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى مەخسۇس تۇتىدۇ. «مېنىڭ ھازىر بىر نەچچە ئايلىق كىرىمىم ئۆيدە بىر يىل تېرىقچىلىق قىلغاندىكى كىرىمىمگە تەڭ كېلىدۇ، ئۆي بېزەش، مودا يېڭى كىيىملەرنى سېتىۋېلىشتىن ئايانمايدىغان بولدۇم، تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ياخشىلاندى» دېدى ئۇ.

بىر ئارتۇقچىلىق ئارزۇيىمىزغا بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى

«مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە تۇرغاندا، مەن ماھارەتنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن بۇ شان - شەرىپىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» بۇلتۇر مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» بويىچە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپات ئالغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنى ماشىنا - ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەۋلانجان ساۋۇت ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ ھەربىر ئادەمنى تالانتىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

مەۋلانجان پەيزاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى تاللاپ، كەپشەرلەش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلدى، مەكتەپتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. «بىز مەكتەپتە ئوقۇغاندا دۆلەتنىڭ <ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم> سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق، بۇ ئائىلىمىزنىڭ خېلى كۆپ يۈكىنى يېنىكلەتتى» دېدى مەۋلانجان.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، مەۋلانجان مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» بويىچە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ كەپشەرچىلىك تۈرىدە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، كەپشەرچىلىك ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.

«مەن مۇئەللىمدىن سورىغانىدىم، ماڭا ئوخشاش بۇ كەسىپتىكىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدىكەن، ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 5000 - 4000 يۈەن تاپالايدىكەنمىز.» مەۋلانجان مۇنداق دېدى: مەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى»نى كۆرۈشكە بەك ئامراق، ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولۇمنى تاللىشىم بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.

زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتى مەۋلانجانغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى. 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرى 158گە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 255 مىڭ 400 كىشىگە يەتتى؛ تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەن - مەكتىپى 98گە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 82 مىڭ 527 كىشىگە يەتتى.

«پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەن - مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى <12 - بەش يىل>دىكىدىن بىر قاتلاندى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جى يۈلىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ھەم سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى تېز تەرەققىي قىلدى، تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەن - مەكتەپلىرىدە 100دىن ئارتۇق كەسىپ تەسىس قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ساياھەت مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق بىر ئادەم تەربىيەلىنىپ، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ھەممە ئادەم ئۆگىنەلەيدىغان، ھەممىسى ماھارەت بىلىدىغان، ھەممە ئائىلىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان» مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش»ىغا كۈچ قوشتى. «بىز نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېشىل يول ئاچتۇق. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىدىن ئارزۇسى بارلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېدى جى يۈلىن.

كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەن - مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئىزچىل بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەن - مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97تىن ئاشتى، بەزى كەسىپلەردە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندە كارخانىدا «ئادەم تالىشىش» ھالىتى كۆرۈلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «ئەمگەك شەرەپلىك، ماھارەت قىممەتلىك، ئىجادىيەت ئۇلۇغ» دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەنمەكتە. تېخىمۇ كۆپ ياشلار كەسپىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشنى تاللايدىغان بولدى، ھەممە ئادەمنىڭ ماھارىتى بار بولدى، ھەربىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى بار بولدى، ھەممە كەسىپتە ئىختىساسلىقلار يىغىلغان، ھەممە يەردە ئىختىساسلىقلار كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ھالەت شەكىللەندى. شىنجاڭ قۇراشتۇرۇش ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ جېن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم ما شىڭيۈ 17 يېشىدىلا ئالىي تېخنىك سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ساناقلىقلا؛ ما شىجۈن بۇلتۇر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەنشى ئاپتوموبىل تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى، يېقىندا <شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ھۈنەرۋەنى> نامىغا ئېرىشتى».

ماھارەت ئۆسۈپ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى گۈزەل ئۆتىدىغان بولدى

«ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، ھازىر ئايلىق كىرىمىم 7000 يۈەندىن ئېشىپ، ئىلگىرىكىدىن 2000 يۈەنگە يېقىن كۆپەيدى» دېدى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى كاڭ شياۋچياڭ.

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز تىيانشان ھۈنەرۋەنلىرى پىلانىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چىقىرىپ، ھەر يىلى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوللايدىغان كەسىپ - ساھەلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل بولۇۋاتقان يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 10 مىڭ كىشىنى تەربىيەلىدى؛ «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقىرىپ، «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ ماھارىتىگە ئاساسەن تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش»نى يادرولۇق مەزمۇن قىلدى.

2019 - يىلى 7 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا باھالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، خادىملارنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىدە كارخانىلارنىڭ «دېگىنى ھېساب» بولدى، ئۆز ئالدىغا باھالاشنى قانات يايدۇرغان كارخانىلاردا باھالاش نەتىجىسى جەزمەن ئىش ھەققى تەمىناتىغا باغلاندى.

گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا باھالاشنى قانات يايدۇرغان كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، 29 ماھارەت ئىش تۈرىدە ماھارەت دەرىجىسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىدى. شۇ يىلى، بۇ شىركەت يەنە دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى بولۇپ تەستىقلاندى.

«ئۆزۈم ماھارەت ئۆگىنىپ، كىرىمىمنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇم. دەم ئالغاندا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقىمەن، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.» «ماھارەتكە ئاساسەن تەمىناتنى ئۆستۈرۈش» سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى كاڭ شياۋچياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، بالدۇرراق تېخنىك، ئالىي تېخنىك بولۇپ باھالىنىشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

«بىز كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز ھەم ئۇلارغا بەلگىلىك ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىمىز.» لياڭ پىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش، بىخەتەرلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنى ئالماشتۇرۇش، كەسىپ ئالماشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقانلارغا قارىتا، ئوخشاش بولمىغان ماھارەت دەرىجىسى بويىچە ھەربىر ئادەمگە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1800 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6000 يۈەن تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى.

«مەن 1997 - يىلى خىزمەتكە قاتناشتىم، دەسلەپكى ئىشچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىدىن ئىزچىل ئالىي تېخنىك، ئالىي ئىنژېنېرغىچە باھالىنىپ، ئايلىق مائاشىم 2000 - 1000 يۈەندىن ھازىرقى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمىز ئۆستى، شان - شەرەپ تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچەيدى» دېدى گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئالىي تېخنىكى، دۆلەت دەرىجىلىك ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلامچىسى ۋاڭ چاڭپىڭ.

2018 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن 21ى، ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسىدىن 35ى قۇرۇلدى، يۇقىرى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىدىن 56 مىڭ 700 كىشى يېڭىدىن كۆپەيدى. 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 25 كارخانا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا باھالاشنى قانات يايدۇردى، 30 مىڭدىن ئارتۇق ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى تارقاتتى.

ھەممە ئادەم بىردىن ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلىش يولىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەدىمى چوقۇم تېخىمۇ سالماق بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ