تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

قەشقەر ۋىلايىتى: ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ يۈجاۋ): «پەيزاۋات قوغۇنى»، «قارىقات قېقى»... 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش «بۇلۇت كېلىشىمى» مۇراسىمىدا، شۇ جاينىڭ «بىر ناھىيەدە بىر مەھسۇلات بولۇش» بويىچە 17 جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى نەق مەيدانغا نامايان قىلىنىپ، نۇرغۇن سودىگەرنى جەلپ قىلدى.

  «بۇلۇت كېلىشىمى» مۇراسىمىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەزنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئورۇنلىرى قاتارلىقلار قەشقەر ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇن كارخانا بىلەن جەمئىي 23 تۈرلۈك ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى، سوممىسى 2 مىليارد 156 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، 58 تۈرلۈك ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكا قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، «ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە» ئىشلەپچىقىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈچ جۇغراپىيەلىك بەلگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، 42 يېشىل يېمەكلىك، 35 ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى دەلىللەپ، 12 داڭلىق تاۋار ماركىسى، 60 تونۇلغان تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى «ئىككى تور»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شەندۇڭنىڭ «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش»، شاڭخەينىڭ «قوش لىنىيەلىك توققۇزغا كىرگۈزۈش»، گۇاڭدۇڭنىڭ «9 + 3 + 1» ئەندىزىسى ھەم شېنجېننىڭ «پېڭچېڭ 100 دۇكىنى» قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، قەشقەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى 1000دىن ئارتۇق دۇكانغا كىرگۈزۈپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى «تاشقى تور»نى تېزدىن بەرپا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسىغا تايىنىپ، «كەنتتە سېتىۋېلىش نۇقتىسى بولۇش، يېزىدا ئايرىش مەركىزى بولۇش، ناھىيە، شەھەردە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى بولۇش»تىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ئىچكى تور»نى شەكىللەندۈرگەن.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شەندۇڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە، شەھەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 1 مىليارد 439 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە سېتىۋالغان ۋە سېتىشىغا ياردەم بەرگەن، مەركەزنىڭ يەتتە ئىدارىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 43 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە سېتىۋالغان ۋە سېتىشىغا ياردەم بەرگەن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى نامرتالىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن تۆت نامرات ناھىيە 564 مىليون ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تاماملىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ