تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولى قوش پورت ۋوگزاللىرىنىڭ توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى

ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يۈك مىقدارى 14 مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئالاتاۋ، قورغاستىن ئىبارەت ئىككى پورت ۋوگزالىدا چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى كۆپەيگەن، ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 14 مىليون 100 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 3094 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.6 ئاشتى؛ پورتتا چېگرادىن كىرگۈزۈلۈپ، چىقىرىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن يۈك تىرانسپورت مىقدارى 10 مىليون 104 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.8 ئاشتى. قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 2702گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4 ئاشتى؛ پورتتىن ئۆتكۈزۈلگەن يۈك تىرانسپورت مىقدارى 4 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.87 ئاشتى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قوش پورت يولى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتى، گۇرۇپپىلاش مەشغۇلاتى تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، مال ۋاكالەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، بېلەت ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، مەشغۇلات قىلمايدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىپ، تىرانسپورت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تىرانسپورت تەشكىللەش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، «رەقەملىك پورت»نى قوللىنىشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. قورغاس ۋوگزالى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىل ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، كۈتۈۋالىدىغان، يولغا سالىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ھەم يوشۇرۇن خېرىدارلارنى پائال قازدى، نۆۋەتچى پويىزلار توشۇيدىغان مال تۈرى ۋە توشۇش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

«ھازىر تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى ۋە ھالقىسى زور دەرىجىدە ئازايدى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئىككى - ئۈچ سائەتتىن 30 مىنۇت ئىچىدە قىسقارتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ۋاقتى ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخى تېجەپ قېلىندى» دېدى شىنجاڭ جۇڭليەن خەيتۇڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ پورتى شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ما ۋېنچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ