تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە بولىمەن

پۇرقەت ھوشۇر:

ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە بولىمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ يۆ

«كۈز، قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز قىلچىمۇ بىخەستەلىك قىلمايمىز»دېدى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقمايدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى پۇرقەت ھوشۇر مۇخبىرغا.

بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاغرىق مىسالى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پۇرقەت بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلاندى. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تېخنىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتنى ئانالىز قىلىش، يۇقۇم ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قوماندانلىق قىلىش تەدبىرى بەلگىلىشىنى ئاچقۇچلۇق ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

«تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش.» پۇرقەت مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىزدەپ تېپىش، قويۇق ئۇچراشقۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تارقىلىش يولى ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كۆرسىتىپ بېرىش، يوشۇرۇن مەزگىلنى بېكىتىش قاتارلىقلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمىگە باھا بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەكلىپى بېرىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىلگىرى سارس، H1N1 تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى قاتارلىق يۇقۇملارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقاچقا، پۇرقەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مول تەجرىبىسى بار ئىدى. يىل بېشىدا پۈتۈن مەملىكەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەن مەزگىلدە، ئۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندە، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، پۇرقەت دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەم كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنلىرىدا، كۆپ قېتىم سىنلىق دەرس ئۆتتى ھەم تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش كەسپىي تەجرىبىسىنى ھەمبەھرە قىلدى. ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا ماسلىشىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قېلىپىنى تۈزۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈردى.

پۇرقەت «سىز نەگە باردىڭىز، كىم بىلەن كۆرۈشتىڭىز، قانداق ئۇچراشتىڭىز»دېگەن بۇ بىرنەچچە جۈملە سۆزنى تېلېفوندا سانسىز قېتىم دېدى، قىسقىغىنا ئىككى - ئۈچ مىنۇتتا ئۇ نەچچە ئون ئۇچۇرغا ئىگە بولاتتى. «ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقنىڭ كېسەل قوزغىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇنقى ھەرىكەت ئىزىغا ئاساسەن قويۇق ئۇچراشقۇچىنى بېكىتىشكە بولىدۇ، ئاغرىقنىڭ 14 كۈنلۈك ھەرىكەت ئىزىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېھتىماللىقى بولغان يۇقۇم مەنبەسىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ... گىرەلەشمە نۇقتىنى ئانالىز قىلىپ تېپىش، قويۇق ئۇچراشقان كىشىلەر توپىنى ئايرىۋېتىش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ»دېدى ئۇ.

«پەقەت قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاشقاندىلا، ئاندىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىلگىلى بولىدۇ.» پۇرقەت تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، مۇلايىم گەپ قىلىپ، تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى كىشىنى دوست دەپ بىلىپ، ۋىيشىن، تېلېفوندا مۇڭداشتى ھەتتا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ئاغرىق بىلەن يۈزتۇرا ئۇچرىشىپ، كۆپلىگەن كېرەكلىك ئۇچۇرغا ئېرىشتى.

تارقىلىش زەنجىرىنى ئانالىز قىلىش، يۇقۇمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تېپىش، قويۇق ئۇچراشقانلارنى تېزدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، يۇقۇمغا ھۆكۈم قىلىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى يوچۇقنى بايقاش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلنى بېكىتىش... ھەر كۈنى جاپالىق تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پۇرقەت داۋاملىق شۇ كۈنلۈك دوكلاتنى تاماملايتتى ھەم ۋاقتىدا يۇقىرىغا يوللايتتى.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن جەزمەن ئالدىدا مېڭىشىم، ئۈلگە بولۇشۇم كېرەك. مەن قابىلىيىتىمنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدايمەن» دېدى پۇرقەت قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ